تۈنۈگۈن رۇسىيە مەن تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى پەسىيىشنىڭ تەسىرىدە، بازارنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى مۇقىملاشتى. بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن ۋە نېفىت بىر مەھەل ئاجىزلاشتى، ياپونىيە يېنىمۇ تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتتى. ئاخشام ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار نەتىجىسى ياخشى چىقىپ دوللاردىن باشقا پۇللار ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتتى، ياۋرومۇ 1.060 غىچە تۆۋەنلەپ كەتتى.
ئاساسىي يۈزدىن قارىغاندا، شۇنداق دېيىش كېرەككى ، ئاخشام ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئۆي - زېمىن بازىرى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقىپ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرنى كۈچەيتتى. بۈگۈن دوللارئۆرلەش ھالىتىنى ساقلىيالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى بۈگۈن ئامېرىكا مىننەتدارلىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئالىدۇ. كېلەر ھەپتە جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ غەيرى- يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىقىش ئېھتىماللىقىمۇ ناھايىتى زور، شۇڭا بۇ ئەھۋال دوللارنىڭ يەنە ئۆرلىشىگە سەۋەب بولالايدۇ. قىسقا لىنىيىدىن قارىغاندا بۈگۈن بازارنىڭ تەۋرىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ.
تېخنىكا جەھەتتىن قارىغاندا، تۈنۈگۈن دوللاردىن باشقا پۇللارنىڭ ھالقىلىق تىرەش نۇقتىسى بېسىمغا ئۇچرىدى، بۈگۈن ھەرىكەتچانلىقى كەمچىل بولغاچقا، تۆۋەن نۇقتىنى يارىتىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved