دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۈرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئەللىمنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىدىكى مۇھىم نەتىجىسى-سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا بىلدۈرگەنلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆكتىچى گۇرۇھ بىلەن سۆزلىشىشى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكى. يەنە كېلىپ سۈرىيە دائىرىلىرى ئۇرۇش توختىتىشنى خالايدىغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتكە پائال ماسلىشىپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى ئېنىق بىلدۈرگەنلىكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىنى قايتىدىن قۇرۇش ھەققىدە كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار قارارلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەنلىكى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سۈرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئەللىم جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. 24-دېكابىر دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى بىلەن سۈرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئەللىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاساسلىقى سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved