كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى 15-دېكابىر كورىيە ئەلئارا ئورگىنى «كىم داجوڭ تىنچلىق مەركىزى» زامانىۋى ئاسان سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھەمدە پارلامېنت ئەزاسى پاكجىۋان قاتارلىق 15 ئادەمنىڭ 16-دېكابىر چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇپ، كىم جۇڭئىل ۋاپات بولغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقىغا تەزىيە بىلدۈرۈشىنى تەستىقلىدى.
كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن بىنجې 15-دېكابىر مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ قائىدە يوسۇن مەقسىتىدە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مىنىستىرلىقىمىز بۇ قېتىمقى ئىلتىماسنى تەستىقلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇ ساپ ئىنسانپەرۋەرلىك تەدبىر، بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ مەنا قوشماسلىق كېرەك. پاكجىۋان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 16-دېكابىر چاۋشيەننىڭ كائىسوڭدا زىيارەتتە بولۇپ، چاۋشيەن دائىرىلىرىغا كورىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىم داجوڭنىڭ يەسىرىسى لى جىگاۋ نامىدا سوۋغا قىلىنغان تەزىيە گۈل-چەمبىرىكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved