ئەنگىلىيە ‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى› نىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىملار ئەتراپىدا، ئامېرىكىدىكى فىلادېلفىيە شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى Rita’s ئىسىملىك ئىتالىيە ماروژنا دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئاجايىپ ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۇكاننىڭ تۆمۈر ئىشىكى تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ۋىنتىر لاركىن (Wynter Larkin) ئىسىملىك بىر كىچىك قىزچاقنى بېسىۋالغان، كېيىن بۇ قىز قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا، ۋىنتىر ئىسىملىك بۇ قىز ئاپىسى بىلەن يېقىن جايدا ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ئېغىرلىقى 450 كىلوگرام ئەتراپىدا كېلىدىغان تۆمۈر ئىشىك تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بۇ كىچىك قىزنى بېسىۋالغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەر بۇ قىزنى ئىشىك ئاستىدىن تارتىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا قارىتا سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قۇتقۇزماقچى بولغان.
نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسى مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ۋەقە يۈز بەرگەندە بۇ دۇكان ئىچىدە ھېچقانداق توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن، شۇنداقلا دۇكان ئىشىكىدىمۇ نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەن بولۇپ، بۇ ئىش ھەقىقەتەن ئىنتايىن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved