جاھان ئاگېنتلىقى 18-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىغا قاراشلىق ۋاكو مەھەللىسىدە موتوسىكلىتلىق گۇرۇپپىلار ئارىسدا قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 9 كىشى ئۆلدى، 18 كىشى يارىلاندى. ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا 100 دىن كۆپ قۇرال مۇسادىرە قىلىندى. ۋاكو ساقچىلىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رايۇندىكى بىر رېستۇراندا ئىككى تەرەپ ئارىىسدا جىدەل باشلانغان بولۇپ، ئاۋال مۇش ئېتىشقان، كېيىن قۇراللىق جىدەلگە ئايلانغان. رېستۇراندىن باشلىنىپ كېيىن باغچىدا داۋاملاشقان توقۇنۇشتا 9 كىشى ئۆلگەن، ۋە پىچاق ۋە ئوق بىلەن 18 كىشى يارىلانغان. يارىدارلار دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. بۇ توقۇنۇشقا نۇرغۇن كىشى قاتناشقان بولۇپ، ساقچىلار نەخ مەيداندا 100 دىن ئارتۇق قۇرالنى يىغىۋالغان، ساقچىلار ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە بىرەر مەلۇمات بەرمىگەن، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئىككى گۇرۇپپا ئارىسىدا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى سۈركىلىش بار ئىكەن. ۋەقەدە ئۆلگەن 9 كىشىنىڭ ئۆز ئارا توقۇنۇشتا ياكى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە بىرەر مەلۇمات يوق ئىكەن، ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved