ھازىر بىز يۆتكىلىشچانلىق ئاساسىي ئېقمغا ئايلانغان دەۋىرگە يېتىپ كەلدۇق ، ئەقلىيفون ، تاختا كومپىيۇتېر قاتارلىق يۆتكىلىشچان ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق ھەرقانداق ۋاقىت ھەرقانداق جايدا خىزمەت ، ئۆگىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بارالايمىز . لېكىن بەزى ئۈسىكىنىلەرنى يۆتكىلىشچان قىلىش بىر قەدەر قىيىن ، مەسىلەن پرىنتېر.
ئىسرائىلىيەنىڭ ZUtA Labsشېركىتى ھەقىقىي يۆتكىلىشچان پىرىنتېر-Mini Mobile Robotic Printerنى تەتقىق بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بۇ كىچىككىنە پىرىنتېر يۆتكىلەلەيدۇ !
Mini Mobile Robotic Printerخەت ئۇرۇش پىرىنسىپى ئەنئەنىۋىي پىرىنتېر بىلەن دەلمۇدەل ئەكىسچە بولۇپ ، پىرىنتېرنىڭ بېسىش ئۇچى قەغەز ئۈستىدە ئوڭ-سولغا ھەرىكەت قىلماستىن پۈركۈمە پىرىنتېر چاقنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، پىرىنتېر تىنچ ھالەتتىكى قەغەزنىڭ ئۈستىدە يۆتكىلەلەيدۇ .
ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 10 سانتېمېتېر ، دىئامېتېرى 11.5 سانتىمېتېر ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 300 گرام ، پولىكاربوناتدىن ياسالغان . پىرىنتېرنىڭ ئاستىدىكى سىيرىلما مۇدىلنى ئېچىش ئارقىلىق قوزغىتىلىدۇ، توك قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان USBئېغىزىمۇ پىرىنتېرنىڭ ئاستى تەرىپىدە .
بۇ قەغەز يۈزىدە ماڭالايدىغان پىرىنتېر ماشىنا ئادەم omni-wheelسېستىمىسى ئاساسىدا بولۇپ ، بۇ سېستىما ئۈسكۈنىنى ھەرقانداق ئوربىتا ۋە تەرەپتە ھەرىكەت قىلدۇرالايدۇ .سىمسىز ھالدا كومپىيۇتېر ۋە يانفون ئارقىلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق قەغەز ئۈسىتىدە خەت ئۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ .
ھازىرچە ئەسلى نۇسخىنىڭ خەت ئۇرۇش سۈرئىتى 1.2ppm(ھەر مىنۇتتا ئۇرۇلغان بەت سانى ) گە يەتكەن بولۇپ، پەقەت رەڭسىز ئۇرۇشنىلا قوللايدۇ ، توغرىلىق دەرىجىسى بولسا 96×192 dpiغا يېتىدۇ، ZUtA Labsئاخىرقى نۇسخىسىنڭ توغرىلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
Mini Mobile Robotic Printer ھازىر Kickstarter غا چىققان بولۇپ ، تۆت يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ يىغىشنى پىلانلىغان . يەككە پىرىنتېرنىڭ سېتىىش باھاسى 180 دوللار بولىدۇ ،
مۆلچەرلىنىشىچە 2015 يىلى يىل بېشىدا سېتىلىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved