ياپونىيە قول يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن يۇغىلى بولىدىغان ئەقلىيفون ياساپ چىقتى

      ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەدىكى بىر ئالاقە ئۈسكىنىسى شىركىتى ئالدىنقى كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، بۇ ئاينىڭ 22-كۈنى شىركىتىمىز قول يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن يۇغىلى بولىدىغان ئەقلىيفون DIGNO rafre نى بازارغا سالىدۇ، بۇ كىچىك بالىسى بار ئاياللارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.

    ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، يانفونغا دائىم قولدىكى گىرىم قىلىش مېيى، مەينەتلەر يۇقۇپ قالىدۇ، ئۇندىن باشقا كىچىك بالىلار يالاپ ئوينىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭلاشقا بىز يېڭى ئېلان قىلىنىدىغان ئەقلىيفوننىڭ كىچىك بالىسى بار ئاياللارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئەقلىيفون تىڭشىغۇچ تىقىش تۆشۈكى قاتارلىق جايلارنىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغان بولۇپ، ھۆل بولغاندىن كېيىن ئاسان قۇرۇيدۇ، داغ بولۇپ قالمايدۇ. ئىشلەتكۈچى يەنە تېخى بىر تەرەپتىن تاماق ئەتكەچ يەنە بىر تەرەپتىن ھۆل قولى بىلەن بۇ يانفوننى ئىشلىتىپ تاماق رىسالىسى كۆرسە ۋە شۇنداقلا ئۆزى تاماق ئېتىۋاتقان گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى دوستلىرى بىلەن ھەمبەھىرلەنسە بولىدۇ.

بىراق ئىگىلىنىشىچە، قاتتىق سوپۇن ۋە باشقا يۇيۇش سۇيۇقلىقى مەزكۇر يانفۇننىڭ كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدىكەن.

يېقىنقى ئىككى يىللىق توختام ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، مەزكۇر شىركەت كونا خېرىدارلارغا قارىتا ئۆزگىچە باھا ئېلان قىلغان بولۇپ، يېڭى تىپلىق ئەقلىيفوننىڭ باھاسىنى 5400 يىن (تەخمىنەن 282 يۈەن خەلق پۇلى) قىلىپ بېكىتكەن، يېڭى ئابونتلار 21600 يىنغا سېتىۋالىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
04-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
05-02-2016
      بۇلتۇر يىل ئاخىرى، Mozilla شىركىتى Firefox OS سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلىرىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، كەسپى ساھەدىكىلەر Firefox OS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىش گردابىغا بېرىپ...
Powered by Leglek