24-ئاۋغۇست، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مانېۋىرغا قاتناشقان قىسمى ‹‹تىنچلىق بۇرچى ـــ 2014›› ناملىق بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانىۋېرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا
24-ئاۋغۇست ‹‹تىنچلىق بۇرچى ـــ 2014›› ناملىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىرى رېژىسسورلار بۆلۈمىنىڭ باش رېژىسسورى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى ۋاڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل گۇجۇرخ مەشق بازىسىدا بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جەڭ كوماندىرلىرىغا جەڭ قىلىش بۇيرۇقى بەردى. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىرغا جەمئىي 7000 دىن ئارتۇق ئەسكەر قاتناشقان بولۇپ، ئاساسلىقى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمى، پاراشوتچى قىسىم، ئېلېكتىرونلۇق قارشىلىق قىسمى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك رازۋېدكا، ئۆلچەش-سېزىش، يول باشلاش، ھاۋارايى، سو رايونى، ئېلېكتىرونلۇق چاستوتا ئارقىلىق باشقۇرۇشنى تىزگىنلەش قاتارلىق تۈرلۈك قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved