شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 19-ماي تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىئاۋات يېزا كاپا كەنتى «كۆچمە كىتابخانا»سىغا ۋىۋىسكا ئېسىش ۋە كىتاب، مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى 18-ماي بۇ كەنتتە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا شۇ كۈنى بۇ كەنتكە 8000 پارچە كىتاپ ھەدىيە قىلدى ۋە «كۆچمە كىتابخانا» قۇرۇپ بەردى.
«كۆچمە كىتابخانا» بىردەمدىلا كەنتتىكىلەر بىلەن لىق تولدى. كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم مامۇت: ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا ھەدىيە قىلغان كىتابلارنىڭ تۈرى تولۇق، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۆگىنىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى، دېدى.
كاپا كەنتى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ چەترەك يېرىدە بولۇپ، ناھىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەرنىڭ شارائىتى بىر قەدەر جاپالىق، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر قالاق.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى زىيارەت داۋامىدا بۇ يەردە ئېغىر دەرىجىدە كىتاب كەمچىل ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا يېڭى كىتابلارنىڭ دەرھال يېتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بايقاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن بەھرىلىنىشى، شۇنداقلا كەنتتىكىلەرنىڭ كىتاب كۆرۈش، ياخشى كىتابلاردىن پايدىلىنىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلەشتى، بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا قانۇن، مىللەتلەر-دىن، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، تېرىقچىلىق-باقمىچىلىق، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان، ئومۇمىي قىممىتى 200 مىڭ يۈەنلىك 8000 پارچە كىتابنى كەنتكە ھەدىيە قىلىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
مۇراسىمدا ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى لى لى مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۈردە بۇ كەنت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىمىز، پىلانلىق، نىشانلىق ھالدا كىتاب ھەدىيە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمىز ھەمدە كەنتتىكىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بېيىش يوللىرىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved