شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى يېڭىشەھەرگە كەلدى

شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى 18-ماي تېلېگراممىسى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ «تۆت بىر تۈركۈم» مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش ئويۇن قويۇش ئەترىتى 16-ماي قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-كەنتلىرىدە ئويۇن قويدى، ئاممىنىڭ ئوتتەك قىزغىن كەيپىياتى ۋە تەلەپلىرى ئاستىدا ئۆمەكتىكى داڭلىق كومپوزىتور ۋە ناخشىچى مەھمۇد سۇلايمان ئارقا-ئارقىدىن تۆت-بەش ناخشا ئېيتىۋەتتى. بۇ كۈنى بۇ ناھىيەدىكى 10 مىڭغا يېقىن كادىر-ئامما ئويۇن كۆرۈپ، ئۇزاققىچە ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.
بۇ ناھىيەنىڭ تازغۇن يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىسى ئاتىگۈل مۇھەممەد مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاساسەن دېگۈدەك داڭلىق ئارتىسلىرىمىز كەپتۇ، بىز ئىلگىرى ئۇلارنى تېلېۋېزوردىلا كۆرەتتۇق، بۇنداق ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇرۇپ ئۇلارنىڭ نادىر سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ھەقىقەتەن بەك ھاياجانلاندىم.
شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىسى ئايتۇرسۇن نىياز مۇنداق دېدى: ئۆمىكىمىزنىڭ بۇ قېتىم يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە قويىدىغان ئويۇنلىرى ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بەزى كۈنلىرى ئىككى مەيدان ئويۇن قويىمىز، قىزغىن، ئاقكۆڭۈل كەنت ئاھالىلىرىنى كۆرگەندە جاپالىرىمىزنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز».
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش ئۆمىكى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئىككى كىچىك ئەترەتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلاردا جەمئىي 20 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
19-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
Powered by Leglek