ئەنگىلىيە ۋوگزالىدىكى «ئالىي دەرىجىلىك چارلىغۇچى مۈشۈك»

         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا ۋوگزالنى چارلاپ، چاشقانلارنى تۇتقان. يېقىندا ئۇ شەرەپ بىلەن «ئالىي دەرىجىلىك چارلىغۇچى مۈشۈك» دېگەن نامغا ئېرىشىپ، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇش روھى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەمدە مۇكاپاتلانغان.

        بۇ چارلىغۇچى مۈشۈكنىڭ ئىسىمى فېلىكىس (Felix) بولۇپ، 2011-يىلىدىن بېرى بۇ ۋوگزالغا كەلگەن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا توققۇز ھەپتە بولغان ئىدى. فېلىكىس ھەر كۈنى چاشقان ۋە باشقا زىيانداش ھاشارەتلەرنى تۇتۇشقا مەسئۇل بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچى ئادا قىلىپ كەلگەن، ھەمدە ۋوگزالنى چاشقان ۋە باشقا زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنىدىن يىراق قىلىپ قالماي، يەنە پويىز خادىمى ۋە يولۇچىلارغا كۈلكە ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق، ۋوگزال چوڭ ئائىلىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئەزانىڭ بىرىگە ئايلانغان. ۋوگزال فېلىكىسنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ئىش ئىزلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، ئۇنى شەرەپ بىلەن «ئالىي دەرىجىلىك چارلىغۇچى مۈشۈك» دەرىجىسىگە ئۆستۈرگەن، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىسىم كارتىسى تاقاپ، خىزمەت فورمىسى كىيدۈرۈپ قويغان.

        2-ئاينىڭ باشلىرىدا، ۋوگزال بېلەت ئالماي پويىزغا چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر توساق تام قۇرغان بولۇپ، بۇ فېلىكىسنىڭ چارلاش خىزمىتىگە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، ھېلىمۇ ياخشى ۋوگزال خادىمى بۇ مەسىلىنى ۋاقتىدا بايقاپ، فېلىكىسنى ئۆلچەش ئارقىلىق بۇ تامدىن مەخسۇس فېلىكىس ئۈچۈن تۆشۈك تېشىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىمالال كىرىپ چىقىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.

فېلىكىس كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەتتا Facebook تورىدىمۇ ھېسابات نومۇرى بار بولۇپ،   «ئەگەشكۈچىسىنىڭ» سانى 4000 دىن ئېشىپ كەتكەن.



خەتكۈچلەر:
07-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
06-02-2016
        ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ھىندونېزىيە سۇۋارا دۇپا ئارىلىنىڭ غەربىدىكى مېنتاۋاي تاقىم ئاراللىرىدا، يەرلىك ئاھالىلەر يەنىلا ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئادىتى بويىچە يا...
Powered by Leglek