Android مېدىيە ئامبىرىدا يەنە يېڭى يوچۇق بايقالدى

ئامېرىكا The Next Web تور بېتىنىڭ 18-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:

ئىسرائىلىيە يۇمشاق دېتال تەتقىقات شىركىتى NorthBit بۈگۈن دوكلات ئېلان قىلىپ، Android سىستېمسىنىڭ مېدىيە مۇلازىمېتىرى ۋە مېدىيە ئامبىرى Stagefrightدا بىخەتەرلىك يوچۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن، يۈز مىليوندىن ئارتۇق Android ئەسلىھەسى خاككېرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ Stagefrightدا تۇنجى قېتىم بىخەتەرلىك يوچۇقىنىڭ بايقىلىشى ئەمەس، 2015-يىلى 10-ئايدا بەزى مېدىيەلەر خەۋەر قىلىپ، 1 مىلياردتىن ئارتۇق Android ئەسلىھەسىنىڭ Stagefrightتىكى بىخەتەرلىك يوچۇقى سەۋەبلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، گۇگول ئارقا-ئارقىدىن كۆپلىگەن ياماقلارنى ئېلان قىلدى، ئەمما Stagefrightنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى باشتىن-ئاخىر ھەل قىلىنمىدى.

NorthBitنىڭ دېيىشىچە، 2.2 دىن 4.0 نەشرىگىچە بولغان Android سىستېمىسى ھەمدە 5.0 ۋە 5.1 نەشردىكى Android سىستېمىسى ئىجرا بولىدىغان ئەسلىھەلەر بۇ يېڭى بايقالغان يوچۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

NorthBit يۇقىرىدا دېيىلگەن نەشرىدىكى Android سىستېمىسى ئىجرا بولىدىغان ئەسلىھەنىڭ تەخمىنەن 275 مىليون بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدى، ئەمما زادى قانچىلىك ئەسلىھەنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېنىق دېيىش ناھايىتى تەس.

NorthBitنىڭ دېيىشىچە، مۇنتىزم ROM ئىجرا بولىدىغان Nexus 5 ئەسلىھەسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش مۇمكىنلىكى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن، شىركەت ئوڭۇشلۇق ھالدا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن باشقا يانفونلار يەنە HTC One، LG G3 ۋە سامسۇڭ S5 بار ئىكەن.

تەلەيگە يارىشا، خاككېرلارنىڭ بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قوزغىشى ئاسان ئىش ئەمەس. NorthBitنىڭ دېيىشىچە،Stagefrightدىكى بۇ يېڭى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قوزغاشتا بەلگىلىك سەۋىيەدىكى ئىجتىمائىي ئېنژىنېرلىق تېخنىكىسى ھازىرلىشى كېرەك بولۇپ، شۇڭا خاككېر ئاسانلىقچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
27-05-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات نەشرىياتچىلىقى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ...
Powered by Leglek