سىنا تورى خەۋىرى| لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سىنگاپۇر بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە ، جوڭگۇنىڭ سىرەك تۇپراق(稀土) تەمىناتىغا زىيادە باغلىنىپ قىلىشتەك ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ھىندىستاندىن 2000 توننا سىرەك تۇپراق ئىمپورت قىلىشنى قارار قىلغان.
ياپۇنىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى 9 – ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ياپۇنىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن بىرلىكتە بۇ ھەمكارلىق تۈرىنى رەسمىي جاكارلايدۇ.
مودى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن باشلاپ ياپۇنىيەدىكى زىيارىتىنى باشلايدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەتتىكى مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى دەل سىرەك تۇپراق ئېچىش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت.
ياپۇنىيە فېڭتىيەن ماشىنىسازلىق گورۇھى قارمىقىدىكى سودا كوپراتىپى 9 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرى بىلەن بۇ ھەقتىكى سودا كىلىشىمى ئىمزالايدۇ. ھىندىستان تەرەپمۇ كىلەر يىلى 2 – ئايدىن باشلاپ ياپۇنىيەگە يىلىغا 2000 توننىدىن سىرەك تۇپراق تەمىنلەپ بىرىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved