لەگلەك تورى تەرجىمىسى : شىنخۇا تورى پارىژ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلىگىراممىسى: فىرانسىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئولاندى ۋە ئاۋسترالىيە زۇڭلى ئابوت 27-ئاپرېل پارىژدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ھەمدە تېرورلىققا قارىشى تۇرۇش جىڭىدە كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.
ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كىيىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىل 12-ئايدا سىدنېيدە يۈز بەرگەن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ۋە بۇ يىل پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، فىرانسىيە- ئاۋسترالىيە ئىككى دۆلەت ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ئىككى دۆلەتكە ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى دەپ قارايدۇ.ئىككى دۆلەت خەلقئارا ئىتتىپاقداش ھەمراھلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تەھدىتىنى يوقىتىشنى خالايدۇ.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى دۆلەت تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ، زوراۋان ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىش، تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ رادىكال ئىدىيە تارقىتىشنى توسۇس قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved