ئەگەر تارىخىي مەسئۇلىيەت، مەبلەغ جەھەتتە قوللاش، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەپ، تېز ھەرىكەت قوللانسا، ئۇنداقتا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تەسكە چۈشمەيدۇ، لېكىن سىياسىي ئارزۇ، ئىقتىسادى مەنپەئەت ۋە ئىلمىي تونۇش مۇرەككەپ بولغان ئەھۋالدا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تۇتقان يولىنى ئۆزگەرمىكى ئاسان ئەمەس.
23-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات باشلىقلار يىغىنى ئېچىلدى، گەرچە بۇ قېتىم يىغىن رەسمىي سۆھبەت يىغىنى بولمىسىمۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەتلەر يىل ئاخىرىدىكى لىما يىغىنىدا سىياسىي توسالغۇنىنى تۈگىتىش تۈگەتمەسلىك، 2015-يىلى، 2020-يىلىدىن كېيىنكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچلۈك ھەرىكىتى توغرىسىدا چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
ئۇزۇندىن بۇيان، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تۈپ مەسىلىدە بىرلىككە كېلەلمىدى. پارنىك گازى قويۇپ بېرىش ئىقتىسادى تەرەققىيات، تۇرمۇش سەۋىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئويلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادى تەلەپ قويدى، بەزى دۆلەتلەر بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش جەھەتتە كۈچ چىقىرىشنى خالىمىدى.
بىراق بۇ قېتىمقى يىغىندا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى خېلى ئىجابىي ماسلىشىش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى.
ئوباما ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى توسالغۇنى يېڭىپ، دادىل ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا يەر شارى خاراكتېرلىك خىرستا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇلغىما ئازايتىش نىشانىنى بىرلىككە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
شۇ كۈنى ئامېرىكا ئاق سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە ئائىت بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى، بۇ مەمۇرىي پەرمان ئارقىلىق فېدېراتسىيە ئورگانلىرىدىن خەلقئارانىڭ تەرەققىيات ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى پىلانلىغاندا كىلىمات ئۆزگىرىشى ئامىلىنى ئويلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گېرمانىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات فوندىغا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئىئانە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، دانىيە 2050-يىلى مەملىكەت بويىچە %100لىك پاكىزە ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنىڭ تەننەرخى ھەر بىر كىشىگە يىلىغا 20 ياۋرودىن توغرا كېلىدىكەن.
بۇ يېقىندا ئوتتۇرغا قويغان بىر دوكلات بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەر شارى ئىقتىسادى ۋە كىلىمات كومىتېتى يېقىندا يەر شارىغا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق قوش نەپ ئالغىلى بولىدۇ، كەلگۈسى 15 يىلدا تەخمىنەن 90 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى شەھەر قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرگە سېلىنىدۇ، بۇ دۇنياغا مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، تۆۋەن كاربونلۇق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بان كىمون مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى: 1-دىن كېلەر يىلى پارىژدا كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدا يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش. 2-دىن پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا دادىل تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش.
لېكىن تەھلىلچىلەر بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىد كۈتۈپ كەتمىدى، چۈنكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ھەر قېتىملىق يىغىندا ۋە يىغىندىن كېيىن گۇمانلىق نۇقتىلارنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئىزچىل تۈردە قۇرۇق گەپ قىلىپ كەلدى، دەپ ئەيىبلىدى.
مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، سانائەت ئىنقىلابىدىن 1950-يىلىغىچە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قويۇپ بەرگەن كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ مىقدارى يەر شارىدا قويۇپ بېرىلگەن ئومۇمىي مىقدارنىڭ %95نى ئىگىلىگەن؛ 1950-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قويۇپ بەرگەن كاربون تۆت ئوكسىدى مىقدارى يەر شارىنىڭ %77نى ئىگىلىگەن. ئۇندىن باشقا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىشىدىمۇ غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ناھايىتى زور دەرىجىدە يۆتكەپ قويۇپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات رامكا ئەھدىنامىسى»دا ئورتاق ۋە پەرقلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش پىرىنسىپى، يەنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئالدى بىلەن بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ، تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلەش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مەبلەغ ۋە تېخنىكا بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا تەدبىر قوللىنىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشى ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش بەلگىلەندى.
لېكىن ئەمەلىيەتتە مەشغۇلات داۋامىدا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر كىلىمات ئۆزگىرىشىدىكى تارىخىي مەسئۇلىيەت، ئەخلاق مەسئۇلىيىتى ۋە قانۇنىي مەجبۇرىيىتىنى ئىنكار قىلدى، مۇھىت بۇلغاش جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتتى، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئورتاق ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلدى، ئاچقۇچلۇق بولغان مەبلەغ جەھەتتە قوللاش، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەسىلىسىدە سۆز قىلمىدى.
ھازىرغىچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بەزى پەن تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ھېسابلىشىغا قارىغاندا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋەدىسى يەر شارى ئۈستىگە ئالىدىغان ئومۇمىي ۋەدە مىقدارىنىڭ %70نى ئىگىلەيدىكەن، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بولسا ئارانلا %30نى ئىگىلەيدىكەن.
كوپېنھاگېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات يىغىنىدا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىش ھەققىدە ۋەدە بېرىپ سەمىمىي پوزىتسىيە بىلدۈردى، بۇ پۇل تېز ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغ دېيىلدى، ئۇلار 2020-يىلىغىچە ھەر يىلى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىشقا قوشۇلدى. لېكىن ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېشىل كىلىمات فوندى بۇ پۇللارنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھۆكۈمەتلەر ئارا كىلىمات ئۆزگىرىشى مەخسۇس كومىتېت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ھەرقانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلمىسا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئالدىنقى سانائەت دەۋرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يەر شارىنىڭ ھاۋاسى 4 سېلسىيە گىرادۇس ئىسسىپ كېتىدۇ، نىيۇيوركتا 310 مىڭ كىشى كىلىمات ھەققىدە نامايىش قىلدى، يەر شارىدىكى 2000 دىن ئارتۇق شەھەر بۇنىڭغا قاتناشتى، خەلقئارا جەمئىيەت كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇپ يەتتى، لېكىن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشارمۇ؟
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved