تېخنىكا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
رېيتېر ئاگېنتلىقى بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئەقلىيفون بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۆسۈش يۈزلىنىشىدە بولسىمۇ، لېكىن بۇ ساھەدىكى يېڭلىق يارىتىش ئەڭ ئاخىرىقى چەككە يېتىپ بارغانلىقىنى، ئەقلىيفوننىڭ پات ئارىدا باشقا مەھسۇلات تەرىپىدىن ئورنى ئىگىلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالما شىركىتى بىرىنچى ئەۋلاد ئالما يانفونىنى بازارغا سالغاندىن كېيىنكى 10 يىل مابەينىدە كىشلەر ئىزچىل
ئەقلىيفوننىڭ يېڭىلىنىشى ئەڭ ئاخىرىقى چەككە يېتىپ بارامدۇ دېگەن سوئالىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. چۈنكى ئالما شىركىتى بۇ قېتىم ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن ئېكرانى 4 دىيۇملۇق ئەقلىيفوننى قايتىدىن قاچىلاپ يېڭى مەھسۇلات ئورنىدا ئېلان قىلدى.
كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق دەپ قارىغان: ئەقلىيفوننىڭ يېڭلىق يارىتىشى ئەمەلىيەتتە ئەقلىيفون ئىقتىدارىنىڭ يېڭلىنىشى بولۇپ، يەنى يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ ئىلغارلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما نۇرغۇن باشقا ئەسۋابلار ئاللىقاچان بۇ ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇلار ماشىنا، توڭلاتقۇ، قول سائەت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەقلىيفوندىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك ئەمدى ئۇنىڭغا تەۋە بولماي قالدى. ئانالىزچىلار ۋە مەھسۇلات لايىھىلىگۈچىلەر «ئەقلىيفون ئېكران چوڭلۇقى، باتارىيە ئىشلەش ۋاقتى، تور سىغىمچانلىقى قاتارلىق تەرەپلەردە يېڭىلىق يارىتىشتا چەكلىمىگە دۇچ كەلدى» دەپ قارىدى. ئەنئەنىۋى نوكىيا ئەقلىيفونى كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئىجادچىسى كىرىستىنا لىندىخوم مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتىكى ئەقلىيفون بازىرىنىڭ ئۆزگىرىشى پەقەت مىقدار ئۆزگىرىشى بولۇپ، يۈرۈش سۈرئىتىنى ئازراق تېزلىتىش، ئېكران چوڭلۇقى ئازراق چوڭلىتىش، ساقلاش سىغىمىنى ئازراق كۆپەيتىش، پەرق ئېتىش ئۈنۈمىنى ئازراق يۇقىرلىتىشتىنلا ئىبارەت خالاس». ئالما، گۇگېل، مىكروسوفت قاتارلىق تېخنىكا چوڭ شىركەتلىرىگە نىسبەتەن بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ مالىيە خەۋپى ئىنتايىن يۇقىرى. چۈنكى بۇ شىركەتلەرنىڭ كەلگۈسى كىم بالدۇر ئەقلىيفوننى ئارتۇقچە مەھسۇلات قاتارىغا چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى مەھسۇلاتنى دەسسىتەلەيدىغانلىقىغا باغلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە نۇرغۇن شىركەتلەر يېڭى ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىگە ياردەم بەرمەكتە. مەسىلەن، چېكىش ۋە ئاۋازلىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئالاقىلىشىش. مەھسۇلاتنى ئېلىپ ئېيتساق، مىكروفون ئىقتىدارى سەپلەنگەن ئەقلىي مارجان. بۇ جەھەتتە ئالما، گۇگېل، مىكروسوفت شىركەتلىرى ئاللىقاچان بەلگىلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا Google Now、Apple Siri،Microsoft Cortana قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى بازارغا سالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامازوننىڭ Alexa now يۇمشاق دېتالىمۇ بار.
كەلگۈسىدە قايسى مەھسۇلات ئەقلىيفوننىڭ ئورنىنى باسسا، چوقۇم ئالدى بىلەن باتارىيىنىڭ يۈرۈش ۋاقتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئىستېمالچىلارنىڭ ۋىدېيوو كۆرۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلە تېخىمۇ جىددىي مەسىلە قاتارىغا كىردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ مەھسۇلات ئەۋرىشىم ئېكران سەپلەپ، ئوخشاش بولمىغان يورۇقلۇق شارائىتىدا نورمال خىزمەت قىلالىشى كېرەك. ئەۋرىشىم ئېكران نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان تېخنىكا مەھسۇلاتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئورتاق غايىسى بولۇپ كەلمەكتە، سامسۇڭ بىلەن LG شىركىتىمۇ بۇ نىشان ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتىدۇ.
مالىيە ئانالىزچىسى رىچارد ۋىندسور: «ئەۋرىشىم ئېكراننى قاتلىغىلى ۋە ئەگكىلى بولىدۇ، يايغاندىن كېيىنكى ئېكران چوڭلۇقى 10 دىيۇم ھەتتا 14 دىيۇمغا يېتىشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە يانفوننىڭ ئىقتىدارى ئېكران چوڭلۇقى بىلەن بەلگىلەنمەسلىكى مۇمكىن» دېدى. ئۇ يەنە: « تاختا كومپيۇتېر دېگەن نېمە؟ تاختا كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشنىڭ قانداق قولايسىزلىقى بار؟ ۋاقتى كەلگەندە يانفون بازىرى بىر كېچىدىلا غايىب بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved