1- دېكابردىن باشلاپ خاڭجۇ شەھىرىدە شەھەر ئاھاللىرى ۋە مېھمانلارنىڭ ئاشخانىلاردا ۋە مېھمانخانىلاردا بىر قېتىملا ئىشىلتىلدىغان بۇيۇملار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
خاڭجۇ شەھەرلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىينىڭ مۇھاكىمىسى ۋە جېجىياڭ ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن «خاڭجۇ شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامنامىسى » 1- دېكابردىن باشلاپ يولغا قۇيۇلدى. بۇ نىزامنامىدە، مېھمانخانا، ئاشخانا ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىدا تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ تىجارەت جەريانىدا بىر قېتىمدىلا ئىشىلىتلدىغان بۇيۇملار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئاشخانىلار چوقۇم ئستېمالچىلارنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىشى، ھەمدە ئوچۇق جايلارغا ئەسكەرتىش تاختىسى ئورنىتىشى كېرەك دەپ بەلگىلەندى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خاڭجۇ شەھىرىدە بىر قېتىمدىلا ئىشىلتىلدىغان، پارچىلانمايدىغان سۇلىياۋ بويۇملار ۋە باشقا بىرىكمە بويۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى چەكلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved