ئامېرىكا: چاۋشيەن پەقەت يادرو قورالىدىن ۋاز كەچسىلا، باشقا ئىشلاردا دېيىشمەك ئاسان

      يېقىندا ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان ئىقتىسادى جازانى كۈچەيتكەنلىكى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاۋشيەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىد قىلغانلىقى توغرىسىدا، چاۋشيەن يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقى 19-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: چاۋشيەن ئاللىقاچان ئامېرىكا تۇپرىقىغا توغرا زەربە بېرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولدى، دېدى. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ ئەمەلدارى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: چاۋشيەن پەقەت يادرو قورالى ياساش پىلانىدىن ۋاز كەچسىلا، بىز بارلىق ساھەلەردە چاۋشيەن بىلەن سۆھبەتلىشىشكە رازى، دېدى.  چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقى 19-دېكابىر مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ ئالدى بىلەن ئارمىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈچلۈك بولغان ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىگە ئىگە يادرو قورال كۈچى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش يولى ئىنتايىن توغرا. ئامېرىكىنىڭ يادرو قورال جەھەتتىن تەھدىت سېلىشى چاۋشيەننى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يادرو قورال ياساپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى، غالجىرانە باشقۇرۇلىدىغان يادرو بومبا تەھدىتى چاۋشيەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئىگە كۈچلۈك زەربە بېرىش قورالىنى سەپلەشكە ئىلھاملاندۇردى. ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە ئالدى بىلەن زەربە بېرىش پىلانى ناھايىتى بۇرۇنلا يولغا قويۇلغان. ئامېرىكا «جەڭ پىلانى 5029» «جەڭ پىلانى 5030» قاتارلىق ھەرخىل تىپتىكى چاۋشيەنگە قارشى جەڭ پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقتى ۋە ھەمدە ئامېرىكا نەچچە 10 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى «ھالقىلىق قارار»، «تاز قاغا»، «ئەركىن قوغدىغۇچىلار» قاتارلىق شەكلى ئۆزگەرگەن لېكىن خاراكتېرى ئۆزگەرمىگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى ئېلىپ باردى. ھەتتا، ئامېرىكا چاۋشيەننى «قەبىھلىكنىڭ مەركىزى» تىزىملىكىدىن ئالدى بىلەن يادرو زەربىسى بېرىش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى چاۋشيەنگە بولغان دۈشمەنلىك غەرزىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى كاندا مۇنداق دېدى: ئەگەر چاۋشيەن يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىش جەھەتتە سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىسە، ئۇ ھالدا بىز بارلىق ساھەلەردە چاۋشيەن بىلەن سۆھبەتلىشىشكە رازى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ يېقىندىكى ھەرىكەتلىرى پەقەتلا چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىنى چەكلەش ئۈچۈنلا خالاس، ئامېرىكا چاۋشيەن رەھبەرلىرىگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويماقچى يەنى يادرو قورالىدىن ۋاز كېچىش چاۋشيەننىڭ بىردىنبىر تاللىشى.

     ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىنىڭ ب د ت نىڭ يىغىنىدا چاۋشيەننىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغانلىق قارارىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى قارشى ئالغانلىقىغا قارتا، چاۋشيەن تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: ئەگەر كېررىنىڭ ئىككى پۇتى يەنىلا ساق بولسا، قارىغۇ ياكى گاس بولۇپ قالمىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۆزى چاۋشيەنگە كېلىپ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ باقسۇن.



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek