سىنگاپور ‹‹ بىرلەشمە سەھەر گېزىتى ›› نىڭ 7-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئەتىرنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، قانچە تەرلىگەنسېرى ئەتىر شۇنچە مەززىلىك پۇرايدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، تەرنى ئازايتىش رولىمۇ بار ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەتىر ئىيون سۇيۇقلىقىدىن ياسالغان بولۇپ، تەركىبىدە ئالاھىدە مەززىلىك ماددا بار ئىكەن، ئادەتتىكى ۋاقىتتا پۇرىمايدىكەن، ئەتىر سۇ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن خىمىيەلىك رولى كۈچىيىپ، مەززىلىك پۇراق تارقىلدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل ئەتىر يەنە تەرنى ئازايتىشتەك ئالاھىدە رولغا ئىگە ئىكەن. نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلار مەلۇم ئەتىر شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەتىرنى تېزدىن بازارغا سېلىپ كۆپ تەرلەيدىغان كىشىلەرنى غەمدىن خالاس قىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved