ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىلمىي ئوزۇقلىنىش قارىشى بارغانسېرى ئۆسمەكتە. تۆۋەندە بىز سەككىز خىل تەبىئىي راكقا قارشى تۇرغۇچى يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرىمىز.
سامساق: كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سامساقنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولۇپ، سامساق تەركىبىدىكى ئۇچۇچان مايلار چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنى قوزغىتىپ، ئورگانىزمنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، سامساقنىڭ تەركىبىدە گۈڭگۈرۈتلۈك بىرىكمىلەر بولۇپ، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
كالا سۈتى: كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىي بىلەن ۋىتامىن D ئۈچەي يولىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بىلەن بىرىكىۋېلىپ، زەھەرلىك تەسىرنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
قېتىق: قېتىق ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەيدىكەن.
ھەسەل: ھەسەل ئورگانىزمنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن.
ئانا ھەرە جەۋھىرى: يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئانا ھەرە جەۋھىرىنىڭ تەركىبىدە ئالاھىدە بولغان ئانا ھەرە جەۋھىرى كىسلاتاسى بولۇپ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن.
چاي: چاي تەركىبىدىكى چاي ماددىسى بەدەندىكى رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنى تازىلايدىكەن. رادىياتسىيەلىك داۋالاشتىكى ئاغرىقلار دائىم چاي ئىچىپ بەرگەندە، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق ئىكەن.
زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە پولىساخارىدلىق ماددىلار ۋە ئىنتېرفېروننى ئىندوكسىيەلىگۈچى ماددىلار بولۇپ، ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. گۈمبىمەدەك (موگۇ) ئاشقازان راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئۆپكە راكى ۋە بالىياتقۇ بوينى راكىنى داۋالاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن.
قاتتىق پوستلۇق مېۋە: ئۆرۈك مېغىزى ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھۈجەيرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى چەكلەيدىكەن. قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقى قۇرغاقلىشىشتەك ئالامەتلەرنى تۈگىتىشتە بەلگىلىك ئۈنۈمى بار، بىراق ئېغىز بوشلۇقىدا ياللۇغ ۋە جاراھەت بارلار، بۇرنى قانايدىغانلار كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ. قارائۆرۈكنىڭمۇ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار. چىلان ئۆسمە ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەيدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved