12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبى بۇ يىلدىكى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا بىر توپچىنى نىشانغا ئالغان.مەشقاۋۇل ۋانگال سەككىز مىليون فوندسىتىرلىڭ چىقىرىپ «بولقىچىلار گۇرۇھى» غەربىي ھام كوماندىسىنىڭ 16 ياشلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئوشفوردنى يۆتكەپ كەلمەكچى بولىۋېتىپتۇ. ھازىر مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىدىن باشقا يەنە چېلسى ۋە لىۋېرپول كۇلۇبىمۇ بۇ تالانت ئىگىسىگە دىققەت قىلىۋېتىپتۇ.
ئوشفورد لوندوندا تۇغۇلغان. كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق دەپ قارىلىۋاتقان توپچى بولۇپ، ئۇ غەربىي ھام ياش توپچىلارنى تەربىيلەش بازىسدا يېتىشىپ چىققان «يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات» قا تەۋە، بۇ توپچى ئوتتۇرا مۇداپىئە ئورنىدا ياخشى ئويناپلا قالماستىن يەنە ئوتتۇرا مەيداننىڭمۇ تولۇق ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. بۇ پەسىللىك ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسدە ئوشفوردنىڭ نامى چىققان. بۇ مۇسابىقىدە ئۇ ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولغان.
ئارسېنال كوماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى مەسئۇت ئۆزىلىنى ئۈنۈملۈك مۇداپىئە قىلىپ رولىنى جارى قىلدۇرىشىغا قىلچە پۇرسەت بەرمىگەن.
ئاخىردا غەربىي ھام كوماندىسىنىڭ خەلىپە مەيدانىدا ئۈچ نومۇرنى ئېلىشىغا كۈچ چىقارغان. مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇ 17 ياشقا كىرىدۇ.
غەربىي ھام كۇلۇبى ئۇنىڭ بىلەن ئىككى يىللىق توختام ئىمزالاش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. غەربىي ھام يۇقىرى قاتلىمى ياراملىق بۇ توپچىنىڭ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولسىمۇ، بىراق مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبى كېلەر يىلى 1-ئايدا سەككىز مىليون فوندسىتىرلىڭ باھا قويسا، ئۇ چاغدا غەربىي ھام كۇلۇبى يۇقىرى باھا ئالدىدا ئوشفوردنى قويۇپ بېرىشى مۇمكىن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved