‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى يېقىندا ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى ھەجۋىي رەسىم مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن جايدا يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، بۇ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قوزغىشى ھېسابلىنىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى. لېكىن، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرىدىغان كوزىرى ئاز قالدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا يەنە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەسەبىيلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا زېمىنىنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىدى
ئامېرىكا بۇلتۇر ئاۋغۇستتا ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيان، خەلقئارا ئىتتىپاق قىسىمى ھاۋادىن كەينى – كەينىدىن ھۇجۇم قىلغاچقا، بۇ تەشكىلات نۇرغۇن قورال – ياراغدىن ئايرىلىپ قالدى. لېكىن، ئۇ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىراق ۋە سۇرىيەنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىدا غالجىرلاشتى، ھەتتا ئامېرىكا زېمىنىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالدى.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ ئارقىلىق قوللىغۇچىلىرىنى سۇرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا ياكى يۇرتىدا تېررورلۇق قىلىشقا قۇترىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
بۇ ۋەقەنى زادى كىمنىڭ سادىر قىلغانلىقى تېخى ئېنىق بولمىغاچقا، ئاقساراي باياناتچىسى مۇنداق دېدى: قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە باشقا ئاخبارات تارماقلىرى دېلوغا چېتىشلىق ئىككى گۇماندارنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنى بۇ ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول، دەپ ھۆكۈم قىلىشقا ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدۇ؛ تېررورچىلار ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى، دېگەن سۆزنىڭ تېخىمۇ ئاساسى يوق.
ۋاھالەنكى، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ۋەقە ئامېرىكىلىقلارنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچراش ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە مەخپىي سىڭىپ كىرىپ، مېكسىكا قارا قوللار گۇرۇھى ۋە ئادەم بېدىكلىرى تەشكىلاتى ئارقىلىق چېگرادىن قانۇنسىز كىرىپ، ئامېرىكىغا ھۇجۇم قوزغىماقچى بولۇۋاتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ قولىدىكى ‹‹كوزىر›› ئاز قالدى
‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىتا، ئامېرىكا قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇ تەشكىلاتقا قۇرۇقلۇق قىسىمى ئەۋەتىپ زەربە بەرمەيدىغانلىقىدا ھازىرغا قەدەر چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ. تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ئامېرىكىغا بارغانسېرى ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقالمايۋاتىدۇ، قولىدىكى كوزىرىمۇ ئاز قالدى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ چەت ئەللەرگە يامرىشىنى تۈگىتىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇۋىسىنى تەلتۆكۈس چۇۋۇپ تاشلاپ، مەنبەدىن كۆپىيىپ يامراش ئۇلىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. لېكىن، بۇ مەقسەتكە ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىقلا يەتكىلى بولمايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ تەشكىلات كۈچلۈك ھاۋا ھۇجۇمى ۋە قاتتىق ئىقتىسادىي جازادىن ئىبارەت قوش بېسىم ئاستىدا ھالاك بولمىغان، ئەكسىچە قايمۇقتۇرۇش ئارقىلىق غەرب ئەللىرىدىكى نۇرغۇن ‹‹غازاتچى››نى جەلپ قىلغان. بۇ كىشىلەر ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتنىڭ مالىيە ۋە ئادەم كۈچىنى ئاشۇرغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئەزالىرىغا ھاۋادىن ھازىرغا قەدەر 3000قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قىلغان. ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىر باھالاش دوكلاتىدا ھاۋا ھۇجۇمى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى، دەپ كۆرسىتىلدى ھەم بۇنىڭ ‹‹بىر مەيدان ئۇزاق مەزگىللىك جەڭ›› ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ھاۋا ھۇجۇمىدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ قولىدا يەنە ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى، كۇرد قوراللىقلىرى ۋە سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى قوراللىقلىرىنى قورال – ياراغ، ئوق – دورا، ئاخبارات بىلەن تەمىنلەش، خادىملارنى مەشىقلەندۈرۈش قاتارلىق ‹‹كوزىر››لار بار.
بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا تېررورلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرىمۇ چېگرادىن كىرىشنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا ئەزا تېررورچىلارنىڭ ئامېرىكىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا مىسىر، ئىيوردانىيە قاتارلىق ھەمراھ دۆلەتلەردىن چېگرادىن كىرىش – چىقىشنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىدىكى رادىكاللارنىڭ سۇرىيە، ئىراق شۇنداقلا باشقا رايونلارغا بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ
ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ئوتتۇرا شەرق ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ۋايت مۇنداق قارىدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ يەنىلا ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇۋاتقان ‹‹غازاتچىلىرى›› ياۋروپا – ئامېرىكا رايونىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىشىلەر ئامېرىكا ياكى باشقا دۆلەتلەردىن سۇرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش تولىمۇ مۈشكۈل، ئۇنىڭدىن كۆرە تۇتۇلۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى ئۆز جايىمىزدا ئىش تەۋرەتكەن تۈزۈك، دەپ قارايدۇ. ياۋروپاغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار ئامېرىكىدا مىلتىق قاتارلىق قورال – جابدۇقلارغا ئاسان ئېرىشەلەيدۇ.
ۋايت مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى گەرچە دۆلەت دەرۋازىسىنى چىڭ ساقلاپ، ‹‹غازاتچىلار›› نىڭ قايتىپ كېلىشىنى توسۇپ قالالايدۇ. لېكىن، يەنە بىر جەھەتتە ئېيتقاندا، ‹‹غازاتچىلار››نىڭ چېگرادىن چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىق ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق بولۇپ، ئۆز دۆلىتىدە تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved