جاھان ئاگېنتلىقى 13-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەندىكى «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتىگە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھراندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا قارشىلىق بىلدۈرۈلدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننڭ تېھران باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇنىۋېرستىت ئوقۇغۇچىلىرى توپلىشىپ ، يەمەنگە قارىتا «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار «سەئۇدى ئەرەبىستان ھالاك بولسۇن» «ئامېرىكا ھالاك بولسۇن» «ئىسرائىلىيە ھالاك بولسۇن» دەپ خەت يېزىلغان لوزونكىلارنى ۋە يەمەندە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى. نامايىشچى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يەمەنگە قارىتا قوزغالغان ھەرىكەتنىڭ رايۇن دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقى ،ۋە «ئىسرائلىيە غەززەدە، سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا يەمەندە قىرغىنچلىق قىلىۋاتىدۇ» دېيىلدى. نامايىشتا، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى باش كاتىبى ھەسەن نەسرۇللاھ، بەھرەيىن «ئەل ۋىفاق» جەمئىيتى باش كاتىبى شەيىخ ئەلى سالمان، پەلەستىن ئىسلامى جىھاد ھەرىكىتى سابق رەھبىرى فەتھى شىكاكى، ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى رەھبىرى ئابدۇلمەلىك ھۇسى ۋە ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچىلىرى قۇددۇس كۈچى قۇماندانى گېنىرال قاسىم سۇلايمان قاتارلىقلارنىڭ رەسىملىرى كۆتۈرۈلۈپ نامايىش قىلىندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved