نۇرغۇن كىشىلەر بەدىنىگە چەكمە چېكىشنى بىر خىل گۈزەللىك سەنئىتى دەپ قارايدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بېغىشلاپ، چەكمە چېكىشكە ساراڭلارچە ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندىكىلەر بولسا دۇنيادىكى بىر قانچە ئۇچىغا چىققان چەكمە چېكىش «ئەسەبىيلىرى».
1. رۈيىك، ئۇ مەخسۇس چەكمە چېكىش ئۇستىسى تەكلىپ قىلىپ توپتوغرا 26 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جەمئىي 4075 دوللار پۇل خەجلەپ ئۆزىنى ئىسكىلىت ئادەمگە ئايلاندۇرغان. كىچىك ۋاقتىدا «ئىسكىلىت پادىشاھ» دېگەن كىنونى كۆپ كۆرگەن بولسا كېرەك. ئۇ پۈتكۈل چەكمە چېكىش جەريانىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ بەدىنىنىڭ ھەر بىر قىسمىغىچە ئاپارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ غەلىتە چەكمە چېكىش ئۇسۇلىغا تايىنىپ توردا نام چىقارغان، لېكىن كىشىلەر ئۇنى ساراڭمىكىن دەپ قېلىشقان.
2. دەنىس ئافۇنا، بۇ كىشى «مۈشۈك ئادەم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەرلىك قەبىلە ئۇرۇقىدىن بولۇپ، بىر قاتار كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك ئوپېراتسىيە ۋە چەكمە چەكتۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باش قىسمى ۋە چىرايىنى خۇددى يولۋاسلارنىڭكىدەك ھالەتكە ئەكەلگەن، ئۇ ھەتتا قالپاقلىق مىخنى بۇرۇت ئورنىدا ئۈستۈن كالپۇكى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرغان. چىراي قىسمىنىڭ تېرىسى ئىچىگە سېلتىسى يېلىمى كىرگۈزۈپ، يۈز قىسمىنى كۆپتۈرگەن، ھەتتا چىشلىرىنىمۇ ئۆزگەرتىپ ياۋايى ھايۋانلارنىڭكىدەك ئۇچلۇق ھەم ئۆتكۈر قىلغان. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئورمانلىقتا ياشاش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتكەن.
3. جۇلىيا كىلۇس، ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن رەسىملىك ئايال دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدا پورفېرىيە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن، تېرىسىنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل داغلار پەيدا بولغان، كىيىن ئۇ بۇ يارا داغلارنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن بەدىنىگە چەكمە چەكتۈرگەن، ھەمدە بارا بارا بۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغان، كىيىن بارغانسېرى قاپ يۈرەك بولۇپ كېتىپ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە چەكمە چەكتۈرگەن، ئۇ دۇنيادىكى چەكمە چەكتۈرۈش قىسمى ھەممىدىن كۆپ بولغان ئايال دەپ باھالانغان.
4. توم، ئۇ ھازىر 73 ياشقا كىرگەن، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ 5500 ياۋرو پۇل چىقىرىپ، چەكمە چېكىش ئۇستىسى تەكلىپ قىلىپ، بەدىنىنىڭ ھەممە قىسمىغا يىلپىزلارنىڭكىگە ئوخشاش يۇمىلاق چەكمە چەكتۈرگەن. كىيىن ئۇ كىشىلىك جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ شوتلاندىيەدىكى بىر ئارالغا بېرىپ ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرگەن. كىيىن ئۇ يەنە يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقتىن ئارالدا ياشاشقا ئامالسىز قېلىپ ئادەملەر ئارىسىغا قايتىپ كەلگەن.
5. ئېلىك، ئۇ 1973-يىلى تۇغۇلغان، ئۇ كەسلەنچۈككە ئامراق بولۇپ قىلىپ، ھەتتا ساراڭلىق دەرىجىسىگە يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەسلەنچۈك ئادەمگە ئايلىنىشنى قارار قىلغان، ئۇ 37 ياشقا كىرگەن يىلى 700 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ بەدىنىگە چەكمە چەكتۈرگەن ھەم ھۆسن تۈزەتكەن، ئۇ ئۆزىنى تەقى تۇرقىنى ئۆمىلىگۈچى ھايۋان قىلىپ ئۆزگەرتكەن.
6. نۇلاس، ئۇ بولسا بىر كەسپى سېرك ئارتىسى بولۇپ، ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، كىيىن ئۇمۇ چەكمە چېكىشكە ئامراق بولۇپ قېلىپ، بەدىنىگە چەكمە چېكىش ئارقىلىق تاغىل ئات ئادەمگە ئۆزگەرگەن. ئۇ 1969-يىلى ئۆلۈپ كەتكەن.
7. دۇمېت، ئۇ بىر قابىلىيەتلىك سەنئەتكار، ئۇ ھەتتا سەنئەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە چەكمە چېكىپ، ئۆزىنى بىر تىرىك ئابستراكت سەنئەت ئەسىرىگە ئايلاندۇرغان، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ سەنئەتنى ھەقىقىي تۈردە بەدىنىگە كىيگەن بولۇپ، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىنى سەنئەتكە بېغىشلىيالايدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 14-ماي، ئەنگىلىيە لوندون، شۇ جايدىكى كىشىلەر قەدىمىي ۋېلىسىپىتلەرنى مىنىپ، كونىنى ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved