پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
【لىۋىرپول كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ كېيىنكى ئايلانمىغا قەدەم قويدى. گېرراد ئىككى توپ كىرگۈزدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت تۆت بولغاندا ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى AFC خامبۇردىن كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا لىۋىرپول كۇلۇبى بىلەن ئلېىپ بېرىلدى. گېرراد ئىككى توپ كىرگۈزدى. قارشى تەرەپتىن ئاكىمفېرىۋا بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. ئاخىرىدا لىۋىرپول كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 2-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى ئايلانمىسىغا ئوڭۇشلۇق قەدەم قويدى.
【توتىنھام نەشتەر كۇلۇبى مېھمان مەيداندا تەڭلىشىپ قالدى. ئىككى كوماندا قايتىدىن مۇسابىقىلىشىدۇ.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 3:45 ئۆتكەندە ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئىككى كوماندا توتىنھام نەشتەر كۇلۇبى بىلەن بونىرى كۇلۇبى مۇسابىقلەشتى. ئاخىرىدا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كېيىن ئىككى كوماندا 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. شۇڭا بۇ ئىككى كوماندا قايتىدىن مۇسابىقىىشىدۇ. ئۇتۇپ چىققان كوماندا لەيسىت شەھىرى كۇلۇبى بىلەن 4-ئايلانما مۇسابىقىنى ئوينايدۇ.
【ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى چەك تارتىش نەتىجىسى : دەرىجىدى تاشقىرى بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك كوماندىلار ئاجىز كوماندىلارغا ئۇچراپ قالدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 3:30 ئۆتكەندە ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى چەك تارتىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندىلار : چېلسىي كۇلۇبى، مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى، مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى، ئارسېنال كۇلۇبى قاتارلىقلار ئاجىزكوماندىلارغا ئۇچراپ قالغان. 4-ئايلانما مۇسابىقە 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋە 25-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.
【پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى 3-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ كېيىنكى ئايلانمىغا قەدەم قويدى. ئىبراھىموۋىچ ئاخىرى توپ كىرگۈزدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 3:45 ئۆتكەندە فىرانسىيە لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى بىلەن مىنبورىئا كۇلۇبى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. يارىسى ساقىىيىپ چىققاندىن كېيىن ئىزچىل توپ كىرگۈزەلمىگەن ئىبراھىموۋىچ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاخىرى توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 3-0 نەتىۆە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ كېيىنكى ئايلانمىغا قەدەم قويدى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved