ئابې شىنزو ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ياپونىيە – ئامېرىكا مۇداپىئە ھەمكارلىقى قىبلىنەماسىنى ئۆزگەرتىشكە ئالدىرايدۇ؟

ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، ياپونىيە – ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 27 – ئاپرېل نيۇيوركتا ياپونىيە – ئامېرىكا يېڭى مۇداپىئە ھەمكارلىق قىبلىنەماسىنى ئېلان قىلدى. قىبلىنەمادە ياپونىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش رولىنى ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىنىپ، ياپونىيە – ئامېرىكا ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ دائىرىسىنى ياپونىيە ئەتراپىدىكى رايونلاردىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغىچە كېڭەيتتى.
بۇ ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ 1997 – يىلىدىن بۇيان مۇداپىئە ھەمكارلىق قىبلىنەماسىگە يەنە بىر قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈشى. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئالدىنقى قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ قېتىم ياپونىيە ھۆكۈمىتى تۈزىتىش كىرگۈزىدىغان مەزمۇنلارنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قىبلىنەمانى تۈزۈشكە ئالدىرىشى ئابې شىنزونىڭ قوغدىنىش قىسىمىنىڭ چەت ئەلگە قوشۇن ئەۋەتىشىگە چەكلىمە قويۇشنى بىكار قىلىش، ياپونىيەنىڭ ھەربىي ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداش تۈزۈلمىسىنى قايتا بېكىتىشتىكى مۇھىم ھالقا، شۇنداقلا ئابې شىنزونىڭ ياپونىيە – ئامېرىكا ئىتتىپاقى بايرىقىنى مەقسەتلىك كۆتۈرۈۋېلىپ، خەلقئارا جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئويۇنغا قاتنىشىپ ۋە ئارىلىشىپ، چوڭ دۆلەت بولۇش نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ۋاسىتىسى.
كونا قىبلىنەماگە قارىغاندا، يېڭى قىبلىنەمادە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ ئالاھىدىلىك بار:
ئىلگىرىكى قىبلىنەمادە بىۋاسىتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ‹‹قىسمەن قوغدىنىش ھوقۇقى››نى يۈرگۈزۈشكە يول قويۇلغان؛ يېڭى قىبلىنەمادە ياپونىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغاندىمۇ، ئەھۋالغا قاراپ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇلغان.
ئىلگىرىكى قىبلىنەمادە ياپونىيە قوغدىنىش قىسىمىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش چەكلىمىسى يىراق شەرقتىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق ياپونىيە ئەتراپىدىكى رايونلار بىلەنلا چەكلىنەتتى؛ يېڭى قىبلىنەمادە ‹‹ئەتراپتىكى رايونلار››يەنە تىلغا ئېلىنمىدى، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش دائىرىسى پۈتۈن يەر شارىغىچە كېڭەيتىلدى.
يېڭى قىبلىنەمادە ياپونىيە – ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ماسلىشىش مېخانىزمى بېكىتىلگەن، ئالەم بوشلۇقى ۋە تور قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەربىي ھەمكارلىقى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن.
يېڭى قىبلىنەما ئەمەلىيەتتە ئابې شىنزو ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن خەۋپسىزلىكنى قوغداشتىكى بىر قاتار چوڭ – چوڭ سىياسەتلەرنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى ۋە يىغىندىسى بولدى.
ئابې شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىق قىبلىنەماسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئالدىرىشىدىكى يەنە بىر ئامىل شۇكى، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ‹‹ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش›› ئىستراتېگىيەسىدىكى ‹‹پۇرسەت››نى سەزگەن. ئامېرىكىنىڭ ‹‹ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش›› ئىستراتېگىيەسىدە ئاشكارىلانغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىدىن توپ – زەمبىرەكلىرىنى ئەمەلىي كۈچ قىلىپ خەلقئارا جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئويۇنغا قاتنىشىشقا ئىنتىزار بولۇۋاتقان ئابې شىنزو ھۆكۈمىتى گۆھەرگە ئېرىشكەندەك بولغان. ئامېرىكىنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى دەپ قىسقا مۇددەتلىك سىياسەت تۈزۈشىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئامېرىكا ئابې شىنزونىڭ ‹‹چوڭ دۆلەت بولۇش›› قارا نىيىتىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئابې شىنزو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ قىزىل سىزىقىنى بۇزۇشىغا قاراپ تۇرغان.


شىنخۇا ئاگېنتلىقى



خەتكۈچلەر:
20-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
فرانسىيە فىگارو گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەدىكى بىر قانچە ئەمەلدار نەچچە كۈن ئىلگىرى گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنى ئەيىبلەپ: مېركىل ياۋروپانى تۈركىيەنىڭ كونتروللىقى ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپا...
16-05-2016
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترۇمپ ئەزەلدىن تاراتقۇلارنىڭ باش تېمىسىغا ئايلىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان ئەمەس. ترۇمپ يېقىندا كۈندىن-كۈنگە قىزىپ كېتىۋاتقان ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش-چىقماسلىق...
16-05-2016
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇدىنىڭ ئانىسى ئالدىنقى ھەپتە يېڭى دېھلىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مۇدى يەكشەنبە كۈنى تىۋىرىدا ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان. سۈرەتتە مۇدى 90 ياشقا كىرگەن ئانىسىنى چاقل...
16-05-2016
ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى قىرغىزىستان بولغان بۇلغانغان بەرەڭگە ۋەقەسى ئىلگىرى-ئاخىرى 9 قېتىم بولۇپ، يۈز بەرگەن. قىرغىزىستاندا ئىشلەنگەن بەرەڭگە يىپچە قۇرت كېسەللىكى سەۋەبلىك ئادەم تېنىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ؛ بىرلا ۋاقىتتا يەنە بەرەڭگە ...
16-05-2016
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ياپونىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يوكوي خىرو بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 61 ياشلىق يوكوي خىرو ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى...
16-05-2016
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ھىندىستان ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىلغان بىر كېمە شۇ جاي ۋاقتى 14- ماي كېچىدە مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسىمىغا جايلاشقان غەربىي بېنگال شىتاتىدىكى بىر دەريا ئېقىنىدا چۆكۈپ كەت...
16-05-2016
ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى تور بېكىتىنىڭ 3-ماي خەۋىرى: ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 4-ماي تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى شېنگىن مەملىكەتلىرى رايونىغا ۋىزىسىز كىرىشىنى شەرتلىك تەستىقلىماقچى بولغان. ...
16-05-2016
5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىراق باغدادنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى رايونى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تەبىئىي گاز زاۋۇتىدا ئوت ئۆچۈرمەكتە. ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەمەلدارىنىڭ 15-ماي ئېيتىشىچە، پايتەخت باغدادنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى بىر...
16-05-2016
ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېيتنام پايتەختى خانويغا جايلاشقان ۋېيتنام ئاۋانگارت بانكىسىنىڭ 15- ماي بىلدۈرۈشىچە، 2015- يىلى 4- پەسىلدە بۇ بانكا خاككېرلارنىڭ يەر شارى پۇل مۇئامىلە تېلې...
16-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15- مايدىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبىرى رۇسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى ھەربىي ئىشلار كېڭەيمىچىلىكىگە دىققەت...
Powered by Leglek