فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 13 - يانۋاردىكى خەۋەر قىلىشىچە ، فرانسىيەنىڭ ئىسىر ئۆلكىسىىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا شۇ جاي ۋاقتى 13 - يانۋار سائەت 16 لەر ئەتراپىدا، قار كۆچۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۆلگىچىلەر ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوكرائىنالىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يەنە بىر ئوقۇتقۇچى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، شۇيەر ھۆكۈمىتى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەۋەتىپ، يارىلانغان ئوقۇتقۇچىنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى ئەڭ تېز سۈرئەتتە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن.
ئېگىلىنىشىچە، شۇيەردىكى بىر مەكتەپ 19 ئوقۇغۇچىنى قار تېيىلىش پائالىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە بىر ئوقۇتقۇچىمۇ بۇيەرگە كېلىپ قار تېيىلغان. فىرانسىيە مائارىپ مىنىستىرى بىل كاسسان 13-يانۋار كەچتە بۇ مەكتەپكە بېرىپ، ئۇلاردىن ھال سورىغان.
قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھاياتلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى، ئىسسىق تەسۋىر ھاسىل قىلىدىغان تېلېكامېرا ئىشلىتىش ئارقىلىق ھادىسىدە ھايات قالغانلارنى ئىزدىمەكتە. ئۇندىن باشقا يەرلىك ھۆكۈمىتى 3 تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئىشقا سالغان. ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قار تېيىلىش مەيدانى بۇرۇنلا تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار نىمىشقا بۇ جايغا كېلىپ قار تېيىلغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved