« ئالاقە تورى نۇرى » كۆرگەزمىسىنىڭ سىرى

       ئادەمسىز ئاپتوموبىل، 5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، مەۋھۇم رېئاللىق تېلېكامېرا.... 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ باشلىنىش ھارپىسىدا، يەر شارىدىكى 258 كارخانا قاتناشقان « ئالاقە تورى نۇرى » كۆرگەزمىسى 15-دېكابىر جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن بازىرىدا باشلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.

   بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە بۇ يىلقى ئالاقە تورى يىغىنىدىكى بىر يارقىن نۇقتا. كۆرگەزمە « ئالاقە تورى نۇرى »نى باش تېما قىلغان بولۇپ،تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھىرلىنىش ئىدىيەسى نامايەن قىلىنغان. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى ۋاقىتلىق مەيدان-ساراينىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 21مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى رايونى، « ئىنتېرنېت + » باش تېما رايونى، يېڭىلىق يارىتىش يەرمەنكە رايونى ۋە مەخسۇس تارقىتىش رايونى قاتارلىق تۆت رايون تەسىس قىلىنغان.

   دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۇ ۋېي كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئالاقە تورى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى مېۋىلىرىنى توپلاپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو ئالاقە تورىنىڭ 20 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى، ئالاقە تورى جۇڭگودا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، كۈندىن كۈنگە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىردى.

   دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار كۆرگەزمىگە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەت مېۋىلىرى، يېڭى تېخنىكىلىرىنى ئېلىپ كەلدى. بەيدۇ شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئادەمسىز ئاپتوموبىل، نوكىيا شىركىتىنىڭ مەۋھۇم رېئاللىق تېلېكامېراسى، شياۋمى شىركىتىنىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلار كۆرگەزمە ئەھلىنى جەلپ قىلدى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلاردىن ئەلى بابا، تېڭشۈن،IBM، خۇاۋېي، يۇمشاق دېتال قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كارخانىلار قاتناشقاندىن باشقا، يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېتىلىش خاراكتېرىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانا ۋە شىركەتلەرمۇ قاتناشتى.

   ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن تور بىخەتەرلىكى شىركىتىCheck Point بۇ يىل تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشقان بولۇپ، شىركەت مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، موشۇنداق كۆرگەزمىگە قاتناشقاندا شىركەتنىڭ يېڭى تېخنىكىلىرىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغىلى، ھەمكارلىق ئورناتقىلى بولىدىكەن.

   ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2-نۆۋەتلىك ئالاقە تورى يىغىنى. ئالاقە تورى نۇرى كۆرگەزمىسى 18-دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشىخانىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى مەركىزى، توڭشياڭ شەھەرلىك خەلق

     ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.



خەتكۈچلەر:
16-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek