جاھان ئاگېنتلىقى 6-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تاجىكىستاندا «گۇرۇپ 24» ناملىق ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى دەپ بىلىنگەن 47 ياشلىق ئۇمارالى كۇۋاتوۋ، ئىستانبۇل فاتىھ رايۇنىدا قۇراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئۇمارالى كۇۋاتوۋ، ئىستانبۇل فاتىھ رايۇنى موللا گۈرانى مەھەللىسى سىمسار كوچىسىدا تۈنۈگۈن كەچ سائەت 22:30 ئەتراپىدا بىر مېھمىنى بىلەن ئۆيىدە تاماق يەپ بولۇپ بىر ئازدىن كېيىن سىرىتقا چىققان. ئۇمارالى كۇۋاتوۋ كوچىدا مېڭىۋاتقاندا ئۇنىڭغا بىر كىشى يېقىنلىشىپ بېشىغا بىر پاي ئوق ئاتقان ۋە نەخ مەيداندىن يۇقالغان.
شۇ رايۇندىكى ئاھالىلەرنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن ساقچىلار ۋە سەھىيە خادىملىرى نەخ مەيدانغا كەلدى. دوختۇرلار كوۋاتوۋنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدان ۋە ئەتراپىدا جىنايەتكە ئالاقىدار دەلىل ئىزدەشنى باشلىدى.
ئۇمارالى كۇۋاتوۋنىڭ ئۆيىدە بىرگە تاماق يىگەن سۇلايمان ئىسىملىك دوستىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن غايىب بولغانلىقى ئېنىقلاندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved