ئامېرىكا ئاق ساراي 22-ماي بايانات ئېلان قىلىپ ، بۇ كۈنى جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى .
ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى كارنېي باياناتتا ‹‹ بۇ گۇناھسىز ئاۋام پۇقراغا قارىتىلغان بىر قېتىملىق قەبىھ ھەم كىشىنى چۆچۈتىدىغان زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ھۇجۇمى ، ئامېرىكا ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ ›› دېدى .
ئۇ يەنە : ‹‹ بىز بۇ ۋەقەدە 31 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ ، 90 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۇق ، بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ، شۇنداقلا بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەردىن ھال سورايمىز ۋە ئۇلارغا بولغان ھېسداشلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ›› دېدى .
بېيجىڭ ۋاقتى 22-ماي سائەت 7 دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە ، نومۇر تاختىسى يوق ئىككى ئاپتوموبىل شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى باغچا شىمالىي كوچىسىدىكى ئەتىگەنلىك بازارغا باستۇرۇپ كىرىپ ، كىشىلەرنى سوقۇپ، پارتلاتقۇچنى پارتلاتتى ، 31 كىشى قازا قىلدى ، 94 كىشى يارىلاندى .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved