بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 10-ئۆكتەبىر تاراتقۇلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەننىڭ پايتەختى سانادا يۈز بەرگەن پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، ھەمدە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يەمەننىڭ پايتەختى سانادا 9-ئۆكتەبىر پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 كىشى قازا قىلدى.
يەمەننىڭ ھەدىرەمەۋت ئۆلكىسى بىلەن بايدا ئۆلكىسىدە 8- ۋە 9- ئۆكتەبىر ئارقا-ئارقىدىن پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يارىلانغان ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved