جۇڭگو ئاخبارات تورى 29 –يانۋار تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيە ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى يەتتە نەپەر چەت ئەللىك زەھەر ئەتكەسچىنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش تەلىپىنى قايتۇرۇۋالغان.
يۇقىرىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ مەغلۇب بولغان بۇ يەتتە نەپەر چەت ئەللىك زەھەر ئەتكەسچىسى ئىچىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئابورتنىڭ قويۇپ بېرىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئىككى ئاۋسترالىيەلىك ۋە فرانسىيە، برازىلىيە، نېگىرىيە ۋە گانا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بەش نەپەر زەھەر ئەتكەسچىسى بار.
ھىندونېزىيە قانۇن تارمىقىنىڭ باياناتچىسى سبانتانا مۇنداق دېدى: ھىندونېزىيە باش تەپتىش ئىشخانىسى ھازىر 11 نەپەر مەھبۇسقا قارىتا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلماقچى. ھازىر، بۇ جازانىڭ قاچان، قەيەردە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخى قارار چىقىرىلمىدى.
ھىندونېزىيە يېقىندا بەش نەپەر چەت ئەللىك زەھەر ئەتكەسچىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، بۇ ئىش كېيىن نۇرغۇن دىپلوماتىيە ماجراسىنى پەيدا قىلغاچقا، برازىلىيە ۋە گوللاندىيەلەر ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەن ، ئاۋسترالىيەمۇ ئۆز دۆلىتى پۇقراسىنى قويۇۋېتىشنى ئېيتىپ يالۋۇرغان، بىراق ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ھىندونېزىيەنىڭ مەيدانىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئېيتقان.
![]() |
ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى.
7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved