ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ سىرتلاردىكى پائالىيتىمۇ كۆپىيىشكە باشلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىممۇنېتېت كۈچى ئاجىز بالىلار ناھايىتى ئاسانلا ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا–ئانىلار تۆۋەندىكىدەك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك:
يۇقۇملۇق قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى.بۇ خىل كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندە قۇلاق ئالدى بېزى ئىششىپ، قىزىتمىسى ئۆرلەش، بېشى ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
يۇقۇملۇق زۇكام.بۇ خىل كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، قىزىش، كۆزنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان يىغىلىۋېلىش، باش ئاغرىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.
مېڭە–يۇلۇن پەردە ياللۇغى.بۇ كېسەللىكتە نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، تۇيۇقسىز قىزىتمىسى ئۆرلەش، ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
قىزىل چىقىش.بالا قىزىپ ئۈچىنچى، تۆتىنچى كۈنلىرى قۇلىقىنىڭ كەينىگە قىزىل چىقىشقا باشلاپ، پۈتۈن بەدەنگە تارايدۇ، كېيىنچە ئۆپكە ياللۇغى، كاناي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا يۈرەك ۋە چوڭ مېڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
سۇ چېچىكى.بىماردا قىزىتمىسى ئۆرلەش، بېشى ئاغرىش، تېرىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved