مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قانداق مۇھىم سېگناللار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ؟

         بىر يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى جۇڭگو ئىقتىسادىنى يېتەكلەيدىغان كۆرسەتكۈچ. ئۇ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇتۇش بىلەن بىرگە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى بەلگىلەيدۇ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەختى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2016-يىلى «13-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىدىغان ھالقىلىق يىل، شۇڭا مەركەزنىڭ بۇ قېتىملىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بىر قاتار مۇھىم سىگناللار بېرىلىشى مۇمكىن.

  دۆلەت ئىچىگە قارىتا: تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىسلاھات سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 10-نويابىر مەركەزنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا تۇنجى قېتىم «تەمىنلەش ئىسلاھاتى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، تەمىنلەشنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ 17-نويابىر «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان «تېزىسى» تۈزۈش خىزمىتى يىغىنىدا، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئىككى تەرەپتىن تەڭ كۈچ چىقىرىپ، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  مەركەزنىڭ «تەمىنلەش ئىسلاھاتى»غا بولغان ئېتىبارى «ئىشلەپچىقىرىش تەمىنلەشتىن قول سېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بەرپا قىلىش»تەك مۇھىم سىگنال بەردى.

  سىرتقا قارىتا: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ

  زۇڭلى لى كېچياڭ يېقىندا «ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى» يىللىق ژۇرنىلىنىڭ «دۇنيا 2016»دە «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا، جۇڭگونىڭ 2016-يىلى ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ئارقىلىق، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئىقتىدار-باھا نىسبىتى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى «ئەلا سۈپەتلىك، تۆۋەن باھالىق» جابدۇقلار بىلەن تەمىنلەپ، تەمىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىشىنى تېزلىتىشىگە ياردەملىشىش كېرەك.

  قىزىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ: پۇل مۇئامىلە، ئۆي مۈلۈك مۇھىم نۇقتىغا ئايلىنىشى مۇمكىن

  مەركەز تۈزگەن «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، ھازىرقى زامان پۇل مۇئامىلە بازىرىغا ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسىنى ئىسلاھات قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەكلىپ»نى چۈشەندۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا دائىم كۆرۈلگەن دائىرىلىك خەۋپ-خەتەر بولۇپمۇ كاپىتال بازىرىنىڭ كۈچلۈك داۋالغۇشى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسىدا ئېلىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشماسلىقتەك تۈزۈلمە خاراكتېرلىك زىددىيەت مەۋجۇت، بۇ ئىسلاھات ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەردىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش ۋە كونترول قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

  ساھە ئىچىدىكى زاتلار مۇنداق دېدى: تەمىنلەش ئىسلاھاتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. 10-نويابىر ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىدا، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شەھەر خىزمىتى باش تېما قىلىنىپ، مەركەز ئۆي مۈلۈك، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئېنىق كۆرسەتمە بەردى. بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىغا كىرگۈزۈلۈپ، كېلەر يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خەلىق تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 28- ئاپرېل تېلېگراممىسى، ئىقتىساد گېزىتى ئاگېنتلىقى ۋە جۇڭگو ئىقتىساد يۈزلىنىشى تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «جۇڭگو ئائىلىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» 28- ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ دوكل...
01-05-2016
    چېرنوبىل يادرو ئاپىتى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەسى ھادىسىسى. گەرچە بۇ يادرو ھادىسىسىگە 30 يىل بولسىمۇ، چېرنوبىل دائىرىسى 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق رايونى يەنىلا ھەر خىل رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە رېئاك...
01-05-2016
تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىيە-ئىقتىساد تورى Wallethub.com نىڭ 26-ئاپرېلدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا 2 مىليون ئادەمنىڭ «قىمار خۇمارى» بار بولۇپ ئوتتۇرىچە قەرز سوممىسى 40 مىڭ ئامېرىكا دولل...
01-05-2016
    باش ئىشتابى توكيوغا جايلاشقان بىت تەڭگىسى (BitCoin) ئالماشتۇرۇش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان BitFlyer شىركىتى يېقىندا 3.0 مىليارد يېن (تەخمىنەن 27 مىليون دوللار) مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىل...
01-05-2016
    ياپونىيە يېنىنىڭ «شىددەت بىلەن ئۆسۈشى» ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زور نىسبەتتە چۈشۈشىنى ئاستىلاتتى، خەلق پۇلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئوتتۇرا باھاسى ئۆسۈپ 2005-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتتى. بۈگ...
30-04-2016
    فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق رەت تەرتىپتە كۆرسىتىلىشىچە، لوندون دۇنيادىكى مىلياردېرلار ئەڭ كۆپ شەھەرگە ئاي...
30-04-2016
    پەن-تېخنىكا تورى خەۋىرى (مۇخبىر پەن شى)، مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىق دۇنيا ھاياتلىق ئىلىمى پەن-تېخنىكا يىغىنى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن....
30-04-2016
    يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭنىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن بۇيان، كا...
30-04-2016
    ھىندىستان تاراتقۇسى «ئىقتىساد گېزىتى» ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىممىتى 20 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېي...
30-04-2016
    رۇسىيە سودا مەسلىھەتچىلىك تور بېكىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېكساندىر تېكاچېۋنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئامېرىكا ۋە كانادادىن ئېشىپ كېتىپ، د...
Powered by Leglek