دۇنيادىكى ئەھۋالى ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغان ئىقتىسادى گەۋدىلەر

      نوبېل ئىقتىساد پەنلىرى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مىلتون (Milton Friedman) بۇرۇن مۇنداق دېگەن: پۇل پاخاللىقى جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىقتىسادى پائالىيىتىگە چۈشكەن ۋابا. ئەگەر بۇنىڭغا ئىشسىزلىق نىسبىتى قوشۇلىدىغان بولسا بۇ خىل ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان سۆز پەقەت-ئازاب-ئوقۇبەت بولۇشى مۇمكىن.


      بۇ يىللىق ئېچىنىشلىق كۆرسەتكۈچى دە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ۋېنسۇئېلا بۇ تىزىملىكتە يەنە 1-ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇنىڭدىن قالسا ئارگېنتىنا، جەنۇبى ئافرىقا، گىرېتسىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەر ئالدىدىكى 5-ئورۇنغا تىزىلغان. (ئېچىنىشلىق كۆرسەتكۈچى (Misery index) : ئىشسىزلىق نىسبىتى + پۇل پاخاللىقى).

بۇلتۇر ۋېنسۇئېلادىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %98 كە يەتكەن بولۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىمۇ %8.6 كە يەتكەن. بۇ يىل مال باھاسىنىڭ يەنە %152 ئۆسۈپ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ %7.7 كە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بىراق نىڭ مۆلچەرىچە، ۋېنسۇئېلانىڭ بۇ يىللىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %720 گە يېتىدىكەن. بۇ ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇلتۇرقى ئەڭ يېڭى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، ئەگەر راستتىنلا مۇشۇنداق بولۇپ قالسا بۇ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق پۇل پاخاللىقى ھادىسىسى بولۇپ قالىدىكەن.

نېفىت سانائىتى ۋېنسۇئېلانىڭ %25 GDP سىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئىدى. لېكىن بۇنداق نېفىتكە بېقىنىۋالغان ئىقتىسادى تۈزۈلمە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ۋېنسۇئېلا ئىقتىسادىنى ئېغىر خەۋپكە پاتۇرۇپ قويدى. بۇنىڭدىن باشقا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى يەنە گەدىنىدىكى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان خەلقئارالىق زايومنى قايتۇرۇشى لازىم.

    ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىتا چوڭ كۆلەملىك «تەكشۈرۈپ تۈزىتىش» ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ. دۆلەتنىڭ ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىمىغان. ۋېنسۇئېلا بىلەن ئارگېنتىنا ئۆز دۆلىتىدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىدىن بېشى قېتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن ئۇكرائىنا، گىرېتسىيە ۋە جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدەك خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ .

     رۇسىيەنىڭ 2015-يىلىدىكى GDPسى %3.7 چۈشكەن بولۇپ، بۇ يىل يەنە ماي باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ داۋاملىق چۈشۈۋاتىدۇ. خەلقنىڭ ئىقتىسادى يۈكى ئېغىرلاپ، رۇسىيە ئىقتىسادىدا شەكىللىك ئىقتىسادى يۈزلىنىش پەيدا بولۇشقا باشلىدى. 2017-يىلىغا بارغاندا بەلكىم %1.3 لىك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

دۇنيادىكى 63 دۆلەتنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرسەتكۈچىدە تايلاند ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ دۇنيادىكى «ئەڭ بەختلىك» دۆلەت بولۇپ قالغان. 55-ئورۇندىن 62-ئورۇنغىچە تىزىلغان دۆلەتلەر: جۇڭگو شياڭگاڭ، جۇڭگو، كورېيە، جۇڭگو تەيۋەن، ياپونىيە، شىۋېتسىيە ۋە سىنگاپور قاتارلىقلار ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
06-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-02-2016
       2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، سايباغ مۇھىت تەكشۈرۈش پونكىتى، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى 74-ئوتتۇرا مەكتەپ، يۇقىرى يېڭى تەرەققىيات رايونى تۆمۈر يول ئىستانسىسى، شىمىگو راي...
28-01-2016
     يېقىندا ئاز كۆرۈلىدىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تايلاندقا ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ تېمپراتۇرسىنى بارا-بارا تۆۋەنلىتىپ، ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەد...
26-01-2016
    25-يانۋار، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلغان «جوناس» ناملىق قار-شىۋىرغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا قارلار دۆۋىلىنىپ قاتناشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
25-01-2016
        تۈنۈگۈن كەچ سائەت 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، خېنەن ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھىرى لۇڭخەي تۆمۈر يولى ئەتراپىدىكى بىر ئىسكىلاتىغا ئوت كەتكەن. شامال كۈچلۈك بولغاچقا، ئوت ناھايىتى تېز يامرىغان بولۇپ، جېڭجۇ ئوتتىن مۇداپىئەلىنى...
25-01-2016
          دەرىجىدىن تاشقىرى سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىىكى نۇرغۇن جايلاردا تېمپۇراتۇرا تۆۋەنلەش، قار يېغىش، مۇز تۇتۇش، قاتتىق بوران چىقىش قاتارلىق ناچار ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، يەر...
22-01-2016
 جۇڭگودا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئامېرىكىغىمۇ «زومىگەر دەرىجىلىك» جۇدۇننىڭ شەپىسى كەلدى. ئوخشاش بىر دۇنيا، ئوخشاش سوغۇق ئېقىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىمالىي قۇتۇپ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ جەنۇبتا تېرىغان «بالاسى».   ياپو...
22-01-2016
     يېقىندىن بۇيان ھاۋا ھەقىقەتەن ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، مەكتەپكە بېرىش ياكى خىزمەت ئىشى بولمىسا ھەرگىز سىرتقا چىققۇڭىز كەلمەيدۇ. بۇنداق سوغۇق ھاۋادا بىر قىسىم ئامېرىكا كىشىلىرى يەنىلا مۇنداق قىزىقارلىق ئىشلارنى ئۇنت...
21-01-2016
        خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.   20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
21-01-2016
       كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن، خاڭجۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 21-يانۋاردىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس توختىتىشنى قارا قىلغان.
21-01-2016
           19-يانۋار، تۇرپاندا قېلىن قار ياغدى.         20-يانۋار، مۇخبىرنىڭ تۇرپان ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 19-يانۋار تۇرپان ئىدىقۇت رايونى 2016-يىل...
Powered by Leglek