سېدنىيدىكى قەھۋەخانىدا تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن بەشەيلەن قېچىپ قۇتۇلدى

ئاۋىستىرالىيە ‹كۈنىدىلىك تېلىگرامما گېزىتى› نىڭ 15-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سېدنىي شەھىرىدىكى قەھۋەخانىدا ئادەم تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ سەككىز سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، قەھۋەخانىدىكى تۇتقۇنلاردىن بەشەيلەن ئاللىقاچان قېچىپ چىققان، بىر نەپەر قوراللىق يەنە قەھۋەخانىدا نۇرغۇن تۇتقۇنلارنى كونتىرول قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ‹بۈگۈنكى سېدنىي› ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېخى ھازىرلا بىر نەپەر جۇڭگولۇقلار پۇشتىدىن بولغان سىتۇدېنت قىز قەھۋەخانىدىن قېچىپ چىققان.


ئىگەللىنىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 45 مىنۇتلار ئۆتكەندە، سېدنىي شەھىرىدىكى Lindt cafe ناملىق بىر قەھۋەخانىدا تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، تۇتقۇن قىلغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئالتە سائەتتەك تىركەشكەندىن كېيىن، ئاۋىستىرالىيە ساقچى تەرەپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ساقچى تەرەپنىڭ ئاللىقاچان تۇتقۇن قىلىۋالغۇچىلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، قەھۋەخانىدىكى ئۈچ نەپەر تۇتقۇننىڭ ئاللىقاچان قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن ئۈچ نەپەر تۇتقۇن ئىچىدە 60 نەچچە ياشلاردىكى ئەر خېرىدار، يەنە بىر نەپەر ياشراق كەلگەن ئەر خېرىدار شۇنداقلا يەنە بىر نەپەر قەھۋەخانا خادىمى بار ئىكەن.


شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن بۇرۇن، يەنە ئىككى نەپەر ئايال تۇتقۇن قەھۋەخانىدىن قېچىپ چىققان بولۇپ، نەق مەيداندا ساقلاپ تۇرغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەھۋەخانىدىن قېچىپ چىققان بىر ئايال نەق مەيداندا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان ساقچىلارنىڭ قۇچىقىغا يېقىلىپ چۈشكەن ھەم قورققىنىدىن يىغلاپ كەتكەن. ‹ بۈگۈنكى سېدنىي › ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قېچىپ چىققان بۇ ئىككى ئايالنىڭ ئىككىلىسى مەزكۇر قەھۋەخانىنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا قەھۋەخانىنىڭ پەرتۇقى تارتىقلىق ئىكەن. ھازىرغا قەدەر بۇ قەھۋەخانىدىن جەمئىي بەش نەپەر تۇتقۇن قېچىپ چىقتى.


لېكىن ئاۋىستىرالىيە ‹كۈنىدىلىك تېلىگرامما گېزىتى› نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ ئالدىدا قېچىپ چىققان ئۈچ نەپەر تۇتقۇنمۇ باندىتلار قويۇپ بەرگەن ئەمەس بەلكى ئۆزلىرى قېچىپ چىققان دەپ قارالغان.


بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاۋىستىرالىيە ساقچى تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھازىرچە قەھۋەخانىدىكى تۇتقۇنلار ئىچىدە ئۆلۈپ-يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى، لېكىن ھازىرغىچە يەنىلا باندىتلار تەرىپىدىن قانچە ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىۋىلىنغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، باندىتلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى ھەرگىزمۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر قىلغاندەك ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 30 ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر بېرىپ، قەھۋەخانىدا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 40 تىن 50 كىچە ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 دىن ئارتۇق قەھۋەخانا خادىمىنىڭ بارلىقىنى، 30 دىن ئارتۇق خېرىدارلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى.



خەتكۈچلەر:
18-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek