غۇلجىدىن شاڭخەيگە 10-دېكابىردىن باشلاپ بىۋاسىتە پويىز قاتنىدى
14-12-2014
0
369
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
thumb

10-دېكابىر سائەت 10:06 دە غۇلجىدىن شاڭخەيگە بارىدىغان T206/3 قېتىملىق پويىز 1000 دىن ئارتۇق يولۇچىنى ئېلىپ، غۇلجا ۋوگزالىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىقتى، بۇنىڭ بىلەن ئىلى دەريا ۋادىسىدىن ئىچكىرىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان پويىز بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارغا تۇتىشىدىغان يول ئېچىلدى.


غۇلجا ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گې جىڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، لىنىيە ئېچىۋېتىلگەن تۇنجى كۈنىدە پويىزدىكى يولۇچىلار يۇرتىغا قايتقان ئىشلەمچىلەر ۋە تۇغقان يوقلايدىغان يولۇچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جېڭجۇغا بارىدىغان يولۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان. بۇ پويىزنىڭ 15-دېكابىردىن بۇرۇنقى بېلىتى سېتىلىپ بولغان، 16-،17-دېكابىرنىڭ بېلىتى ئاز قالغان، 18-دېكابىردىن كېيىنكى بېلەتلەر بىرقەدەر يېتەرلىك ئىكەن. چاغانلىق ۋە تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، بۇ پويىزنىڭ غۇلجا-ئۈرۈمچى قاتارلىق قىسقا مۇساپىلىك بېلىتى سېتىلمايدىكەن.


غۇلجىدىن شاڭخەيگە بارىدىغان T206/3 قېتىملىق پويىز سائەت 10:06 دە غۇلجا ۋوگزالىدىن قوزغىلىدىغان بولۇپ، ئۈچىنچى كۈنى سائەت 17:46 دە شاڭخەيگە يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىگە جەمئىي 55 سائەت 40 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ لىنىيەنىڭ ئېچىۋېتىلىشى بىلەن ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە-شەھەرلىرىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىش ۋاقتى قىسقىراپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى ئالاقە ئالماشتۇرۇش كۈچىيىدۇ. پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىپلا قالماي، يەنە يولۇچى توشۇشنىڭ جانلىنىش مەزگىلىدىكى بېلەت سېتىۋېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى يەنىمۇ يېنىكلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى جەلپ قىلىنىپ، غۇلجىنىڭ ساياھەت، يېمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش قاتارلىق ئۈچىنچى كەسىپلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدۇ.



خەتكۈچلەر:
14-12-2014
0
369
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
24-03-2015
0
132
thumb
مۇخبىرنىڭ 23-مارت شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، چاقىلىق ناھىيەسى يېقىندا مىرەن خارابلىكىدىن ئەجدىھا باشلىق، سۇمرۇغ قۇيرۇقلۇق بىر مىس قورالنى قېزىپ چىققان، بۇ مىس قورال سىرتى ۋە قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا...
24-03-2015
0
118
thumb
شەھىرىمىز بۇ يىل رايون (ناھىيە) لاردىكى يول بويلىرىغا ۋاقىتلىق تەسىس قىلىنغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىغا خېرىدار چاقىرىدۇ ياكى تىجارەت ھوقۇقىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتىدۇ. 2014 - يىلى دېكابىرغىچە شەھىرىمىزدىكى موتورلۇق ق...
24-03-2015
0
204
thumb
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى22-مارتتىن باشلاپ تاكسى تىجارىتى تەرتىپىنى مەركەزلىك تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خېرىدارلارنى كىرا قىلىشن...
24-03-2015
0
132
thumb
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەتقاسىم جامال خەۋىرى، فوتوسى: كېرىيە ناھىيەسىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 21-، 22-، 23-مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىن كەلگە...
24-03-2015
0
285
thumb
60 يىل. شاھىتلار سۆزلىسۇن مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ شىنچاڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى بارغانسېرى قويۇقلاشتۇردى، ئىلگىرى بىزگە يىراق بىلىنگەن جايلارغا ھازىر ...
23-03-2015
0
168
thumb
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 20- مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي تېبابەت ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرى تەرەققىياتى ت...
23-03-2015
0
49
thumb
2015 – يىللىق ‹‹دۇنيا سۇ كۈنى›› ۋە ‹‹جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى››نى خاتىرىلەيمىز ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن تەن شىنۋېن ئىللىق باھار پۈتكۈل كائىناتنى ئويغاتقان مارت ئېيىدا، ب...
23-03-2015
0
178
thumb
ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىندا ئالاقىدار يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۇندىن كېيىن ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور تۈرلەرگە مەبلەغ سالغاندا، مەخپىيەتلىك بولۇپ ئاشكارلاشقا بولمايدىغانلىرىدىن باشقىلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدۇ، ئامما كەڭ دائىرىد...
23-03-2015
0
215
thumb
مېترو 1- لىنىيەسىدىكى 23 نۇقتىدا بۇ يىل ئىش باشلىنىدۇ جاۋ چۈنخۇا مۇخبىرنىڭ 20- مارت ئۆتكۈزۈلگەن 2015- يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىغا بۇ يىل 4 مى...
22-03-2015
0
169
thumb
21- مارت سائەت 8:40 دا ، 611 نەپەر يولۇچى ئولتۇرغان D9966 - قېتىملىق ئېلېكتىروۋۇز گۇرۇپپىسى يولۇچىلار مەخسۇس پويىزى يولغا چىقتى. بۇ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان يولغا چىققان تۇنجى يولۇچىلار مەخسۇس پويىزى ھې...
Powered by Leglek