ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلاندى

مېترو 1- لىنىيەسىدىكى 23 نۇقتىدا بۇ يىل ئىش باشلىنىدۇ


جاۋ چۈنخۇا


مۇخبىرنىڭ 20- مارت ئۆتكۈزۈلگەن 2015- يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىغا بۇ يىل 4 مىليارد 207 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. مېترو 1- لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پىلان بويىچە تۇرۇبا لىنىيەسىنى يۆتكەش، دەل - دەرەخلەرنى كۆچۈرۈپ تىكىش، قاتناش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش، يەر يۈزىدىكى قوشۇمچە بۇيۇملارنى يۆتكەش ۋە يەر ئېلىش - كۆچۈرۈش خىزمەتلىرى تاماملىنىدىكەن؛ 23 نۇقتىدا يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلاش پىلانغان بولۇپ، جەنۇبىي شەھەر رايونى دۆڭكۆۋرۈك بېكىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بېكىتى، ئاققوۋۇق بېكىتى، تۆگەدەڭ بېكىتى، يېكەنكۆل مەيدانى بېكىتىدىن ئىبارەت بەش مېترو بېكىتىدە قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن ھەم مۇھاپىزەت قوزۇق تېمى ۋە لىم قېقىش، قېزىلغان مېترو بېكىتى ئورنىنىڭ ئۈستۈنكى قۇرۇلۇشى تاماملىنىدىكەن.
يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى(شەھەر رېلىس گۇرۇھى) بېيجىڭ رېلىس قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ 5 - تۈرىنى باشقۇرۇش مەركىزى جۇڭگو تۆمۈريول 20- ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە جۇڭگو تۆمۈريول 1 - چارلاش - لايىھەلەش يۇرتى، جۇڭگو تۆمۈر يول 4 - ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەتنامىسى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى.
بېيجىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشلىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دىڭ شۇكۇي مۇنداق دېدى: 2015- يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق يىل ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى، ئۇ مېترو 1 - لىنىيەسىنىڭ «2018- يىلى تىرىشىش، 2019- يىلى قاتناش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش» نىشانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل بىز 2014- يىللىق قۇرۇلۇش ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇشنى ئالدىن ياخشى پىلانلايمىز، ئۈرۈمچىنىڭ ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش قىلىش ۋاقتى قىسقا، ئەمگەك كۈچى بايلىقى كەمچىل، يەر قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى ئويلىشىپ، بىخەتەرلىك، سۈپەت، ئىقتىدار، تەننەرخ، مۇھىتقا كاپالەتلىك قىلىش كۆزلىمە نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈلگە قۇرۇلۇشى يارىتىمىز.



خەتكۈچلەر:
23-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
مۇخبىرىمىز لى كەي خەۋەر قىلىدۇ: مۇخبىر 9-ماي «ئالى» ساياھەتچىلىكى، «شيېچېڭ» تورى ۋە جەنۇب ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھى، خەلق ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھى قاتارلىق ئاۋىئاتسىيە تور بېكەتلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا شاڭخەي، خاڭجۇ، چېڭدۇ قاتارلىق...
15-05-2016
ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئارىسىدا يېڭىدىن «شىمالىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» ئالاھىدە تېز پويىزى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ قېتىم جەمئىي 3 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا كۈندۈزى ...
15-05-2016
سەنلىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ گاز قويۇپ بېرىشتا ساختىلىق قىلىش سەتچىلىكى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، يېقىندا نىسسان سەنلىڭنىڭ 34پىرسەنت پېيىنى سېتىۋالماقچى بولغان، ئەگەر ئىككى تەرەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلالىسا نىسسان ئاپتوموبىل گۇرۇھى سەنلىڭنى كونترول ...
15-05-2016
سىنا تورى بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، BMW شىركىتىنىڭ يىللىق پايچىكلار يىغىنىدا، BMW شىركىتىنىڭ مۇدرىيەت رەئىسى Harald Kruger شىركەتنىڭ كەلگۈسىنى تونۇشتۇردى، ئۇ كېيىنكى ئەۋلاد بايراقدار ئاپتوموبىلى توغرىسىدا تو...
15-05-2016
5-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، مەملىكەتتىكى تۆمۈر يوللاردا يېڭى پويىز قاتناش خەرىتىسى يولغا قويۇلدۇ. بۇ قېتىمقى تەڭشەش ئون يىلدىن بۇيانقى دائىرىسى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق پويىز قاتناش خەرىتىسىنىڭ تەڭشىلىشى ئىكەن، شۇنداقلا توشۇ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ تۆمۈر يول يولۇچىلار تىرانسپورت ئورنى قىسمەن يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلەت سېتىش ۋاقتىنى تەڭشىگەن.7-ئاي...
14-05-2016
ۋولۋو S90 ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىدۇ، جۇڭگودا ئىشلەنگەن S90L نويابىردا بازارغا سېلىنىدۇ نۇر تورى تەرجىمىسى: تاراتقۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك يوللاردىن ئىگىللىشىچە، ۋولۋونىڭ پۈتۈنلەي يېڭى بايراقدار پىكاپى S90 ئىيۇلنىڭ ئاخىرى...
14-05-2016
       نۆۋەتتە ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى بەكلا قىسقا دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان BMW i3 نىڭ 2017 نۇسخىسىغا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ چوڭ سىغىمدىكى باتارىيە گۇرۇپپىسى سەپلىنىدۇ. يېقىندا يېڭى ماشىنىنىڭ ئورگان سۈرىتىمۇ ت...
14-05-2016
     «بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر» تورى 12-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: يېقىندا بىر كىشى كونتېنتال        (Continental)GTئاپتوموبىلىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ...
13-05-2016
      5-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جىياڭشى ئۆلكىسى دېشىڭ شەھىرى تەۋەسىدىكى s307 نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولىنىڭ دېشىڭدىن شىياڭتۇن فېڭشۇلىڭغا بارىدىغان بۆلىكىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز...
Powered by Leglek