سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن پەلەمپەيگە چىقىش ئەسلىدىلا بىر قىيىن ئىش ، ھازىرقى ئىشلىتىلىۋاتقان چاقلىق ئورۇندۇقلار پەقەت تۈز تەكشى يولغىلا ماس كېلىدۇ ، پەلەمپەيدىن چۈشكەندە بولسا كۈچلۈك سىلكىنىش ھاسىل بولىدۇ .بىراق ئەمدى بۇ خىل قىيىنچىلىقتىن غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى .
ئىسرائىلىيەدىكى بىر شىركەت يېقىندا بىر خىل يېڭى تىپتىكى چاقنى ياساپ چىققان بۇلۇپ ،ئۇ ئورنىتىلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پەلەمپەيدىن چۈشكەندە ،سىلكىنىش ھاسىل بولمايدۇ .بۇ ئىسرائىلىيە يۇمشاق چاق شېركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تىپتىكى چاق ، بۇ چاقلىق ئورۇندۇق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پەلەمپەيدىن چۈشكەندە ئۇچرايدىغان سىلكىنىش كۈچىنى يېنىكلىتىدۇ .
چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇچى نەگە بارغۇسى كەلسە شۇ يەرگە بىمالال بارالايدۇ ،پەلەمپەيدىن چۈشمەكچى بولسا قىينالمايلا چۈشەلەيدۇ ،ئادەتتىكى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندەك ئازاپ تۇيغۇسى بولمايدۇ .
ئۇنداقتا بۇ خىل تىپتىكى يېڭى چاقلىق ئورۇندۇققا زادى قانداق تېخنىكا قوللىنىلغان ؟بۇ چاققا چاقلىق گەۋدە بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدىغان مېخانىكىلق قۇرۇلما ئورنىتىلغان بۇلۇپ ئۇ دەل چاق مەركىزىدە تۇرىدۇ ،توسالغۇغا ئۇچرىغاندا بولسا چاق ئوقى سۈرۈلۈپ تۇرىدۇ ،مېخانىكىلىق قۇرۇلمىمۇ ئەگىشىپ سۈرۈلدۇ .بۇ چاق ئوق ئوقىغا ماسلىشىدىغان بۇلۇپ ، بۇنداق بولغاندا توسالغۇ جىسىمنىڭ زەربىسى يېنىكلەيدۇ .سىكونىتقا قالماي مېخانىكىلق قۇرۇلما بىلەن چاق ئوق ئوقى ئەسلى ئورنىغا قايتىدۇ ، بۇ يىل يېڭى تىپتىكى چاقلىق ئورۇندۇق مۆلچەرلىنىشىچە يىل ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىدۇ ،
بۇنىڭدىن باشقا بۇ شىركەت تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تىپتىكى ۋېلىسىت چاقى كېلەر يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدىكەن ، بىراق بەزىلەر بۇ خىل يېڭى تىپتىكى چاقنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ ھەم ئېغىر بولغاچقا باھاسىمۇ تەبئىيلا يۇقىرى بولىدۇ ،شۇڭا ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىقى بولارمۇ دېيىشتى .بۇنىڭغا قارىتا شېركەتنىڭ باش مۇدىرى ،بۇ چاقنى ئىشلەتكەندىن كېيىن چاقلىق ئورۇندۇق ئىشلەتكۈچى سەپەرگە چىققاندا توسالغۇدىن خالىي بولالايدۇ ،بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ، باھاسىنىڭ قىممەت بولىشى چوڭ ئىش ئەمەس دېدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى:LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved