لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
پايتەخت يىڭى خەۋىرى( مۇخبىرىمىز لى تىڭ تىڭ ) دېيىشچە ،ماي قەلەمدە ناھايتتى ئاسانلا يۈك-تاق چامادىنىنىڭ سىيرىتمىسىنى ئاچقىلى بولىدىكەن،يەنە تېخى ناھايتتى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرگلى بولىدىكەن.
يېقىندىن بېرى تەيۋەندىن كەلگەن توردىكى خەۋەر كۆپ قىسىم تورداش ۋە خىلىق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاس ۋە گۇمانىنى قوزغىغان بۇلۇپ ،تۆنۈگۈن مۇخبىرىمىز ئۆزى سىناش ئارقىلىق بۇ خىۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
تەيۋەندىن كەلگەن خەۋەردە دېيىلىشچە،ماي قەلەمدە 1 سېكىنۇتتىلا يۈك-تاق چامادىنىنىڭ سىيرىتمىسىنى ئاچقىلى بولىدىكەن،ئاندىن سېرتمىنى ئىككى قىتىم ئالدى كەينىگە تارتىش ئارقىلىق ناھايتتى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرگلى بولىدىكەن.
تۆنۈگۈن مۇخبىرىمىز ئوخشىمىغان ماركىدىكى ئۈچ خىل سۇلياۋ سېرتمىلىق چاماداننى ،ئىككى مۈرىگە ئاسقىلى بولدىغان سۇلياۋ سېرتمىلىق سومكا ۋە مىتال سېرتمىلىق قول سومكىسى تەييارلىدى.
ئاندىن بارلىق چامادانلارنى ماي قەلەمدە ناھايتتى ئاسانلا ئېچېپ ،ئاندىن سېرتمىنى ئىككى قىتىم ئالدى كەينىگە تارتىش ئارقىلىق ناھايتتى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈردى،ئارقىدىنلا ئىككى مۈرىگە ئاسقىلى بولدىغان سۇلياۋ سېرتمىلىق سومكا ۋە مىتال سېرتمىلىق قول سومكىسىنى ئوخشاش ئۇسۇلدا سىنىغان ۋاقىتتا كۈچەپرەك قىلىپ 5سىكىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئچىدە ئېچېپ ،ئاندىن سېرتمىنى ئىككى قىتىم ئالدى كەينىگە كۈچەپ تارتىپ ئەسلىگە كەلتۈردى.
مۇخبىر ماي قەلەمدىن باشقا يەنە قېرىنداش قەلەمدە،ئىمزا قەلمى قاتارلىق ئۇچلۇق باشلىق قەلەملەردىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا سىنىغاندا ،ئوخشاشلا ئېچىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved