تۇرمۇشتا كىشىلەر ئادەتتە يەپ ئېشىپ قالغان قورۇمىنى توڭلاتقۇغا سېلىپ غىزالانغان ۋاقىتتا ئىسسىتىپ يەيدۇ. لېكىن تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى قايتا ئىسسىتىپ يېسە، كۆكتاتنىڭ زەھىرىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۇرمۇشتا كىشىلەر ئادەتتە يېمەكلىكنى دۈملەپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ يېسىلا دېزىنفېكسىيەلىنىپ زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خاتىرجەم غىزالانغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمىليەتتە بۇ خىل كۆزقاراشنىڭ يېرىمى توغرا. چۈنكى بەزى يىمەكلىكلەرنىڭ زەھەر پىگمېنتىنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ يوقاتقىلى بولمايدۇ، بەزىدە ئەكسىچە زەھەرنىڭ قويۇقلۇق مىقدارنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن: كەرەپشىنىڭ(چىڭسەي) سۈپىتى ئۆزگەرگەندىن كېيىن قايناتسا، چىرىتىش مىكروبىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئەكسىچە نۇرغۇن سېلىتىرا پارچىلىنىپ، نىترىتوئىدقا ئايلىنىپ، زەھەرلىك دەرىجىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved