پەيلاسوپلار: سۈنئىي ئىدراك- ئەمەلىيەتتە ساختا ئىدراكتۇر
24-11-2014
0
671
يازغۇچى: تەشنا
thumb

ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىئو تورى يازمىسى| لەگلەك تورى تەرجىمىسى: دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئۇنۋېرستىت كالفورنىيە ئۇنۋېرستىتى پەيلاسوپلىلىرىنىڭ ئىداراك ھەققىدىكى ماقالىسى
  يېقىن كەلگۈسىدە ئىنسانلاردىن ئەقىللىق بولغان ماشىنىلارنى ياساپ چىقىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىدىن شۈبىھلەنمەسلىكىمنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى: بىز تا ھازىرغىچە ئىنسانلاردىن ئەقىللىق بولغان ماشىنىلارنى ئەسلا ياساپ چىقالمىدۇق. سۈنئىي ئىدراك ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرگەن ھەقىقىي ئىداراك بولماستىن، ئۇ پەقەت بىر خىل ساختا ئىدراكتۇر.


ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن چۈشىنىشلىك. مەسىلەن، سائەت ۋاقىتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، ئەمما ئۇ ۋاقىتنىڭ قانداق نەرسە ئېكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ. ئەستايىدىللىق بىلەن ئىيتقاندا، يەنىلا بىز ئىنسانلار ئۇنىڭغا ۋاقىتنى ھىسابلاتقۇزىۋاتىمىز. يەنە Watson مۇ شۇنداق، IBM نىڭ بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيۇتېرى ئەقلىي ئويۇنلارنى ئوينىيالايدىغان،شۇنداقلا ئىنسانلار ئەقلىي رىقابىتىدە مۇتلەق ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە Watson ھېچقانداق سۇئالغا ئۆزلۈگىدىن جاۋاب بەرگەن ئەمەس، ئۇ ھەم ھېچقانداق مۇسابىقىگە قاتناشمىغان، شۇنداقلا ھېچبىر ئىش قىلغانمۇ ئەمەس. بارلىق ئىشلارنى يەنىلا بىز ئىنسانلار قىلىۋاتىمىز، يەنىلا بىز ئىنسانلار ئۇنى ئىشلىتىپ ئەقلىي ئويۇنلارنى ئويناۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە بىز "ئۇ" نىمۇ خۇددى سائەتكە ئوخشاشلا ئىشلىتىمىز خالاس.


پەيلاسوپ ۋە بىئولوگلار كۆپىنچە ھاياتلىق ئورگانىزىملىرىنى ماشىنىلارغا تەققاس قىلىشقا ئامراق. شۇنداق تەققاسەن قىياسلار مەيدانغا چىقسىلا، ئىنسانلار ياساپ چىققان ھەرخىل ماشىنىلارنىڭمۇ خۇددى بىزدەك ئىدراكقا ئىگە بولۇش – بولالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئەندىشىلىك خىياللارغا چۈشىمىز!


بىراق، كېشىنى چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، ھەتتا ئەڭ ئاددى ھاياتلىق ئەندىزىلىرى، مەسىلەن: ئاميوبا (تاق ھۆجەيرىلىك جانلىق) مۇ ئىداراكقا، مۇستەقىللىق ئېڭىغا، ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇپ، بۇلار بىر ھېسابتا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كومپىيۇتېردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. پەقەتلا بىر ھۆجەيرە پۈتكۈل ھاياتلىق ھىكايىسىنى بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئۇ ئۆزى بايقىغان ۋاستىلەرنى تەۋە مۇھىتقا سىڭدۈرۈپ، ئاندىن بۇ مۇھىتنى ئۆز ھاياتىغا نىسبەتەن قىممەتكە ئىگە قىلىپ ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۇ ئوزۇقلۇق ئىزدىيەلەيدۇ. ئۆزىنى – ئۆزلۈكىنىڭ مەناسىنى ئالەمگە بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ(چۈشەندۈرەلەيدۇ).
نۆۋەتتە،شۆبىھسىزكى، تاق ھۆجەيرىلىك جانلىقلار ھەقىقەتەن بەك ئەقىللىق ئەمەس. بىراق ئۇلار ئىنسانلار ياسىغان سائەت ياكى دەرىجىدىن تاشقىرىي كومپىيۇتېردىن كۆپ ئەقىللىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ تۇيغۇ، ھەرىكەت ۋە ئۆزىنى بىلىش قاتارلىق ھاياتلىق ۋە ئەقىل ھەققىدىكى تەبىرلىرىمىزگە چۈشىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان. ماشىنىدا ئۆزلىگىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر بولمايدۇ، بىز پەقەت ئۇ ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىمىز. بىراق ئامبويا بولسا ئۇچۇرغا ئىگە، ئۇ ئۆزلىگىدىن ئۇچۇرلارنى توپلىيالايدۇ، بىرتەرەپ قىلالايدۇ.


بىر كۈنى IBM ئامبويادىكى پائالىيەتچانلىق ۋە سىزىمچانلىقنى ھازىرلىغان بىرەر ماشىنا ياساپ چىقالىغىنىدا مەن پەۋقلاددىيلىق مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان بولىشىم مۇمكىن.


يەنە بىر نوقتىدىن ئالغاندا، گەرچە بىز ناھايىتى بۇرۇنلا بۇ پەۋقۇلاددىيلىق مەسىلىلىرى بىلەن ئۇچىراشقان بولساقمۇ. بىراق تېخىچە ھەقىقىي ئىداراكلىق ماشىنا ياساپ چىقالمىدۇق،ھەتتا ئۆزىمىزدىن ئەقىللىقراق بولغان ماشىنىلارنىمۇ ياساپ چىقالمىدۇق. لېكىن بىز موشۇنداق ماشىنىلىرىمىز ۋە باشقا تېخنىكلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ئەقىللىق، جانلىق ۋە ئىقتىدارلىق قىلالىدۇق. مەسىلەن، تىل، رەسىم، يېزىق، چوت قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى كېڭيىشىچانلىققا ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بىزنى ئۆزگەرتتى، بىزنى ئىلگىرىكى ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان بىر ھالەتكە ئىگە قىلدى.شۇنداقلا بۇخىل ياساش- قايتا ياساش، كېڭەيتىش ياكى ئۆزگەرتىشلەرنىڭ جەريانى خۇددى ئۆز تۈرىمىزدەكلا قەدىمىيلىككە ئىگە بولدى.


يەنە مەلۇم نوقتىدىن ئالغاندا،بىز "ھەقىقىي ئىنسان" بولۇشتىن كۆرە، بەكرەك "ئۆتكۈنچى ئىنسان" ياكى تىپىك بىئولوگىيلىك ئىنسان بولۇپ كەلدۇق. ياكى تېخىمۇ توغرىسى، بىز تېخنىكىلىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىمىزنى كېڭەيتىپ(كۈچەيتىپ) قان ۋە گۆشنىڭ بىرىكمىسى بولغان بىلوگىيلىك ئىنساندىن "ئۆتكۈنچى ئىنسان" ۋە "ھەقىقىي ئىنسان" غا قاراپ پەرىقلەندۇق.


ئەمدى يەنىلا ئامبويادىن باشلانغان نوقتئىنەزىرىمىزگە قايتىپ كېلەيلى. Watson بىز ئىنسانلارنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى، ئۇنىڭ ساقتا ئىدراكى ئەمەلىيەتتە بىز ئىنسانلارنىڭ تەڭداشسىز، 100% لىك بىباھا ئىدراكىدىن ئىبارەت.


ئىزاھات: Alva Note : كالفورنىيە ئۇنۋېرستىتى بروكلى تارماق مەكتىۋېىنىڭ پەيلاسوپى. ئۇ تۇيغۇ، ئاڭ ۋە سەنئەت ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىدۇ ۋە شۇ خىل دەرىسلىكلەرنى بېرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
24-11-2014
0
671
يازغۇچى: تەشنا
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-03-2015
0
188
thumb
ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، يېقىندا شىنجاڭ ياش تور خىزمەتچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ‹‹ساغلام تور، ياشلىقتىكى ھاياتىي كۈچ›› تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەت يىغىنىدا ئاپ...
23-03-2015
0
125
thumb
خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بولغان CBRE شىركىتى ۋە جۇڭگو چىخاۋ شىركىتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، 2025–يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئەمگەك كۈچى بازارلىرىدىكى خىزمەتلەرنىڭ يېرىمى كومپيۇتېرلارغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى سەۋەب...
21-03-2015
0
255
thumb
جاھان ئاگېنتلىقى 20-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئەقلىي يانفۇن ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت HTC دە شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان CEO «ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى» Peter Chou ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى، CEO ئورنىغا شىركەتنىڭ يەنە ب...
20-03-2015
0
317
thumb
1. نېرۋىسى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشقانلار: يانفوننى كۆپ ئىشلەتسە، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، ئىچى تىتىلداش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق نېرۋا ئاجىزلىق ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەسلىدىنلا نېرۋىسى ئاجىز ك...
18-03-2015
1
413
thumb
‏لەگلەك تورى خەۋىرى، مىكروسوفت WinHec چوڭ يىغىنى شىنجىندا رەسمىي ئىچىلغان. ئىلىمىزدە خوۋاي شىركىتى باشچىلىقىدا مىكروسوفت Windows Phone قۇشۇنىغا كىرگەن شىركەتلەرنىڭ WindowsPhone نۇسخسىدىكى يانفۇنلار بازارغا سېلىپ كىلىۋاتقان بولۇپ مانا شى...
17-03-2015
0
197
thumb
بېيجىڭ ۋاقتى 16-مارت خەۋىرى: رېيتېر ئاگېنتلىقى بىرلەشمە بازارا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئورنى ( Ipsos) نىڭ ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %75 ئادەم ‹‹ ئالما سائەت ›› كە قىزىقمىغان. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىل...
17-03-2015
0
167
thumb
گېرمانىيەنىڭ ھانوفېردا ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى Gabriel غا سوۋغا تەقدىم قىلدى 2015-يىللىق گېرمانىيە ھانوفېر خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇر تېخنىكا كۆرگەزمىسى ( قىسقارتى...
16-03-2015
0
314
thumb
ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى   ۋاڭيى پەن تېخنىكىسى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى. « ۋال سىترېت كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە يېڭى نۇسخىدىكى iPhone ئىلگىرى بار بولغان كۆمۈش كۈل رەڭ، قارا ۋە ئالتۇن رەڭلىك...
15-03-2015
0
476
thumb
تېڭشۈن پەن - تېخنىكىسى 3-ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى خەۋىرى ┃ لەگلەك تورى تەرجىمىسى : 4G LTE تورىنىڭ ھەرقايسى شەھەر، بازارغا كىڭەيگەندىن بۇيان ھەرقايسى جايلاردىكى 4G LTE بولغان پائالىيەتلەر ۋە ماختاش سادالىرى تەرەپ - تەرەپدىن كىشلەر قۇلاقلىرىدا جار...
15-03-2015
0
281
thumb
رېيتېر ئاگېنتلىقى 14-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تېخنىكا تۆگىسى بولغان «ئالما» شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ ، 2011-يىلى شىركەتنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇرغۇچىسى ستېۋ جوبىسقا جىگىرىدىن بىر قىسىمنى بەرمە...
Powered by Leglek