ئەنگىلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 12-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى قوللىغۇچىلىرىنىڭ بۇتخانا سېلىپ ئۆزىنى ئىلاھىيلاشتۇرغانلىقىغا ناھايىتى ھاڭ-تاڭ قالغان، ھەمدە بۇ خىل قىلمىشنىڭ ئەنئەنىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 12-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك ئەمەلدارلار بۇ بۇتخانىنى چېقىۋەتكەن.
ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى شەھەر راجكوتتىكى نەچچە يۈزلىگەن مودىنىڭ قوللىغۇچىلىرى مەبلەغ ئاجرىتىپ بۇتخانا سېلىپ، مودىنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزغان.
مودى : مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئەجەپلەندىم، دېگەن .
مودىنىڭ ئىنكاسى بۇتخانا قۇرۇشقا قاتناشقۇچىلارنى چۆچۈتىۋەتكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ھىندىستاندا تىرىك ئادەم ئۈچۈن بۇتخانا سېلىش ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇلتۇر ئۆكتىچىلەر رەھبىرى سونىيە گەندىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىغا سونىيە ئۈچۈن بۇتخانا سالدۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved