جاھان ئاگېنتلىقى 13-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: روسىيە ۋە ئامېرىكا سۇرىيەدە سىياسىي ھەل قىلىش يولىدا تىرىشچانلىقىنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ۋە روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف، روسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. كېررىي، ئامېرىكا ۋە روسىيەنىڭ سۇرىيەدىن خىمىيلىك قۇراللارنى تازىلاش تېمىسىدا مۇھىم ھەمكارلىق ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئەمما سۇرىيەدە شۇئاندا بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان مەخپى ھۇجۇملارنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. كېررىي، « سۇرىيەدە سىياسىي ھەل قىلىش يولىغا قايتماستىن تىنچلىق ھاسىل بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، بۇ ھەقتە روسىيە بىلەن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى. كېررىي يەنە« روسىيە ۋە ئامېرىكا تەرەپ سۇرىيەدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىىشى ۋە باشقا ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتلىرى پەقەت ئەسەد ھۆكۈمىتىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن سۇرىيەگە تەھدىت بولىدۇ دەپ قارايمىز. شۇڭلاشقا سۇرىيەنى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا قاراپ تەرەققى قىلدۇرىدىغان ، سۇرىيە خەلقى بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدايدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ جەنۋە يىغىنى سۆھبىتى ئارقىلىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز، بىز روسىيە بىلەن بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف، سۇرىيە مەسلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ھەققىدە كېررىي بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، « جەنۋەدە 2012-يىلى 30-ئىيۇندا ماقۇللانغان كېلىشىمنى ئورۇنداشقا كېپىل بولىدىغان خىزمەت باشلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، ھەمدە تىرىشچانلىقىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمىز» دېدى.
لاۋروف، سۇرىيەدە تېرور تەشكىلاتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە تارمىقى نۇسرەت فرونتىنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ، بۇ تەشكلاتلارنىڭ تەسىرى ۋە خەتىرى ئىنتايىن زور دېدى. لاۋروف،« بۇ قۇراللىق تەشكىلاتلار تېخىمۇ كۈچەيمەكتە، پەقەت ئوتتۇرا شەرقتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا تىنچلىقىنى بۇزماقتا، بىز بىرلىكتە تىرىشچانلقىمىزنى بىرلەشتۈرۈش ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كىرەك» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved