يەمەندە ئىرانلىق دىپلومات قۇيۇپ بېرىلدى

جاھان ئاگېنتلىقى 5—مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراننىڭ رەسمى ئاخبارات ئاگېنتلىقى «IRNA» يەمەندە تەخمىنەن 2 يىل بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان ئىرانلىق دىپلومات خادىمىنى قۇيۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. يەمەندە بىخەتەرلىك تارماقلىرى ھەم بۇ ۋەقەنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
ئىرانلىق دىپلومات خادىمى نۇر ئەھمەد نىكباھت 2013-يىلى يەمەندە تۇتقۇن قىلىندى. ئىران دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى ، تۇتقۇن قىلىنغان دىپلوماتنىڭ ئىرانغا قايتۇرۇلۇپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىرانلىق دىپلومات خادىمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى ھازىرغا قەدەر ھېچبىر تەشكىلات ئۈستىگە ئالمىدى.
يەمەندە يەكشەنبە كۈنى ئۈچ يىل بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق كونسۇل خادىمى ھەم قۇيۇپ بېرىلگەن ئىدى. يەمەننىڭ ئەدەن رايۇنىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق دىپلومات خادىمى، يەمەن ئەل قائىدە تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى ، تۇتقۇن قىلىنغان خادىمنىڭ سەئۇدى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە قۇيۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى سىياسىي كىرزىسقا دۇچار بولغان يەمەندە ھۆكۈمەت ۋە پرېزىدېنت ھادىنىڭ يانۋار ئېيىدا ئىستىپانامە سۇنۇشىدىن كېيىن ، ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى دەپ تۇنۇلغان ئىراننىڭ قوللىشىدىكى شىئە ھۇسىيلەر، 6-فېۋرالدا پارلامېنتنى بىكار قىلدى، ھۇسىيلەرنىڭ سىياسەتكە قۇراللىق مۇداخىلە قىلىشى يەمەندە سىياسىي تەرەپلەرنىڭ نەزىرىدە ھەربىي ئۆزگىرىش دەپ بىلىندى.
يۇقارقى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر يەمەن پايتەختى سەنئادىكى ئەلچىخانا پائالىيەتلىرىنى توختاتتى.



06-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    5- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئىراقتىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇقەددەس شەھىرى بولغان نەجەفتە، باغدادتىكى ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرى دەپنە مۇراسىمىدا قاتتىق...
15-05-2016
ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر قەبرىستانلىقتا 5-ئاينىڭ 14-كۈنى چوڭ كۆلەملىك توپلىشىپ ئۇرۇشۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، نەق مەيداندا ئوق ئاۋازى چىققان، ۋەقەدە ئاز ...
15-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى بېجىڭ ۋاقتى 15-مايدا NBA مۇسابىقىسى يوق، لېكىن قەھرىمانلار كوماندىسى بىلەن چاقماق كوماندىسى غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ . ...
15-05-2016
گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى مۇساپىرلار مەسىلىسى چىقىمى ئۈچۈن 93 مىليارد ياۋرو تەييارلايدىكەن. گېرمانىيە ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،...
15-05-2016
   خەلقئارا لىنىيە تورى تورى 15-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتامبايېۋ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى دېيىشىچە، دۆلەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق غەرەز قاتتىق جازالاشقا ئۇچرايدىكەن.   ...
15-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئافغانىستان ھېلماد، شۇ كۈنى شۇ جايدىكى ساقچىلار مەشىق مەركىزى ئەتراپىدا ئۆلۈۋىلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئۈچ ساقچى قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن &nb...
15-05-2016
يەر شارى تورىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن مىچېل ئاقسارايدا شىمالىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى.
15-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 15-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيە ئاسسۇرىيە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ دېيىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قامىشلى شەھىرىدە تېررورلۇق ...
15-05-2016
  شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
15-05-2016
فىلىپپىننىڭ «بايراق گېزىتى» دە تۈنۈگۈن ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئاكىنو ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ئالاقىدار كېسىم سوتىغا يوللاپ كېسىم چىقىرىش ئۇسۇلى فىلىپپىنگە نىسبەتەن مۇددەتلىك بومبا ھېسابلىنىدۇ. ئاكىنو ھاكى...
Powered by Leglek