جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنىڭ تۈرمىدىن قېچىش دېلوسىغا ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىش ۋاقتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
16-ئاپرېل قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مۇرسى ھەمدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر قانچە رەھبىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى ھەمدە ئۇلارنى 2011-يىلىدىكى مىسىردا يۈز بەرگەن زور كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدە تۈرمىدىن قاچقان ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان دەپ ئەيىبلىدى. ئاندىن كېيىن بۇ ھۆكۈمنامە دىنىي رەھبەر مۇفتىقا سۇنۇلغان، ئۇ ئىسلام دىنىي قائىدىسى بويىچە ھۆكۈم ھەققىدە پىكىر بەرگەن.
بۇ دېلوغا قاراپ چىققان سوتچى مۇنداق دېدى: سوت مەھكىمىسى مۇفتىنىڭ پىكىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، لېكىن پىكىرنى يەنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا سوت ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved