جاھان ئاگېنتلىقى 13-مارت خەۋىرى؛لەگلەك تورى تەرجىمىسى: 2003-يىلىدا ماقۇللانغان ياغلىق چېگىشنى چەكلەش قانۇنىنى بىكار قىلغان گېرمانىيە فېدىراتسىيە مەھكىمىسى، ياغلىق چېگىشنىڭ ئۇمۇمەتەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
گېرمانىيە مېدىياسىدا ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيەدە فېدراتىسيە مەھكىمىسىدىن ياغلىق چېگىش ھەققىدە تارىخى بىر قارار چىقتى. ئالى مەھكىمە ماقۇللىغان قارار بىلەن ياغلىق چېگىشنىڭ ئادەتتە چەكلەنمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم چىقاردى.
ئالى سوت مەھكىمىسى، شىمالى رىن ۋىسفاليادا خىزمەت قىلىدىغان ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ، رايۇننىڭ قانۇنلىرى بويىچە چىقىرىلغان ياغلىق چېگىشنى چەكلەش قانۇنىغا نارازىلىق ئىلتىماسىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، پەقەت ياغلىق ۋە شەپكە كىيىش تەرەپسىزلىكنى زىيانغا ئۇچراتمايدىغانلىقىغا ۋە مەكتەپتە ھۇزۇر ۋە خۇشاللىقنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. ياغلىق چېگىشنى چەكلەش ئۈچۈن يىتەرلىك ئېنىق خەتەر بولۇشى شەرت دېيىلدى.
فېدىراتسىيە مەھكىمىسى ماقۇللىغان يېڭى قارار بىلەن 2003-يىلىدا ئۆزى ماقۇللىغان قارارنى بىكار قىلدى. ئالى مەھكىمە 2003-يىلىدا ئوقۇتقۇچى Fereshta Ludin نىڭ داۋاسىدا، قانۇنى مەنبەسى بار ئەھۋالدا ئىھتىياتلىق ياغلىق چەكلەش قانۇنىنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا قارار چىقارغان ئىدى. قارار ئۈستىدە بىر قانچە ۋىلايەت ياغلىقنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن تۈزۈش يولىغا قەدەم قويغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved