ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 8 بولغاندا ( شۇ يەر ۋاقتى 17-كۈنى كەچ سائەت 21:00 بولغاندا ) 2015-يىللىق ئامېرىكا قىتئە لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى C گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان قىزىق نۇقتىلىق مۇسابىقە چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياتودىكى داۋىد ئارىيانو خاتىرە توپ مەيدانىدا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن كولومبىيە دۆلەت كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا مۇرىللو كولومبىيە كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزۈپ كولومبىيە كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىدىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ھېچقايسى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. ئاخىرىدا بىرازىلىيە كوماندىسى 0-1 نەتىجە بىلەن كولۇمبىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. كىچى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى 2-ئايلانمىدىن كېيىن بىرازىلىيە كوماندىسى ، كولومبىيە كوماندىسى ۋە ۋېنسۇئىلا كوماندىسى ( پەقەت بىر مەيدان تەپكەن ئەھۋالدا ) 3 نومۇرغا ئېرىشتى.
ئەڭ يېڭى FIFA نىڭ رەت تەرتىپىدە بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرغان. كولومبىيە دۆلەت كوماندىسى بولسا 4-ئورۇندا تۇرغان. بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن كولومبىيە كوماندىسى خەلقئارالىق A دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە جەمئىي 27 قېتىم ئۇچراشقان. برازىلىيە كوماندىسى 17 مەيدان ئۇتۇش، 8 مەيدان تەڭلىشىش ۋە 2 مەيدان ئۇتتۇرۇش نەتىجىسى بىلەن قەتئىيلا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ 58 توپ كىرگۈزگەن ۋە 12 توپ كەتكۈزگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى كوماندا ئامېرىكا قىتئە لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى جەريانىدا 10 قېتىم ئۇچراشقان بۇلۇپ بىرازىلىيە كوماندىسى 8 مەيدان ئۇتۇش بىر مەيدان تەڭلىشىش ۋە بىر مەيدان ئۇتتۇرۇش ھەمدە 31 توپ كىرگۈزۈپ 3 توپ كەتكۈزۈشتەك نەتىجىسى بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ بىردىنبىر ئۇتتۇرغان ۋاقتى بولسا 1991-يىلىدىكى ئامېرىكا قىتئە لوڭقىسىدا 0-2 ئۇتتۇرغان.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسى ئاساسلىق ئەزالاردا تەڭشەش ئېلىپ بارغان. فېلمىنو تاردېللىنىڭ ئورنىدا ئاساسلىق ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىققان. كولومبىيە تەرەپتىن جامىس رودرىگۇس ، فالكاۋ ۋە كارللا قاتارلىق توپچىلار يەنىلا ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved