ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 9-ئىيۇن سائەت 15:39ئۆتكەندە چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىپ، كەلگۈسى ئالتە سائەتتە ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرىقى تاغ تاغلىق رايونى، شەھەرنىڭ جەنۇبى ۋە شەھەر ئىچى رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىشى، قىسمەن جايلاردا بۇنىڭغا قوشۇلۇپ قىسقا ۋاقىت قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئۆتكۈنچى شامال چىقىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىنىپ شەھەر ئاھالىلىرىنى بۇلاردىن مۇداپىئەلىنىشكە ئەسكەرتكەن.
نەق ئۇلار ئېيتقاندەك، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلدى، ئارىلاپ گۈلدۈرماما قوشۇلغان يامغۇر بەزىدە چېلەكلەپ قۇيغاندەك، بەزىدە شارقىراتمىدەك يېغىشقا باشلىدى، دائىم دېگۈدەك يامغۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئۈرۈمچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىمۇ بۇ قېتىمقى يامغۇردىن ھەيران قالدى.
شۇ كۈنى سائەت 17:00 دىن 18:00گىچە، ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا ھۆل-يېغىن مىقدارى 6.5 مىللىمېتىرغا يەتتى، بىر مىنۇتلار ئەتراپىدا دېئامېتىرى 3~5 مىللىمېتىر بولغان مۆلدۈر ياغدى؛ سائەت 18دىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىدا گۈلدۈرماما ئاۋازى بىلەن تەڭ قاتتىق يامغۇر قۇيۇۋەتتى؛ سائەت 19لاردا ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي شەھەر رايونىدا يامغۇر چېلەكلەپ قۇيدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى سائەت 18:00دىن 20:00 غىچە شەھەر ئىچى رايونىدا ھۆل-يېغىن مىقدارى 20.5 مىللىلېتىرغا يەتكەن، بۇ ئادەتتە 12 سائەتلىك قاتتىق يامغۇرنىڭ ئۆلچىمىگە باراۋەر ئىكەن. سائەت 19:00دىن 20:00 گىچە بولغان بىر سائەت ئىچىدىلا ھۆل-يېغىن مىقدارى14.7 مىللىلېتىرغا يەتكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 9-ئىيۇن كۈندۈزى ھاۋا بەك ئىسسىق بولۇپ، تېمېپراتۇرا ℃30 ئەتراپىدا بولغان، چۈشتىن كېيىندىن گۇگۇمغىچە تېمېپراتۇرا تۆۋەنلىگەن ۋە سوغۇق ئېقىم ھۇجۇم قىلغان، بۇنىڭ بىلەن، ئىسسىق-سوغۇق ھاۋا ئۇچرىشىپ، مۇشۇنداق كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلگەن.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved