فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۆلەتنىڭ «ئاپەت ھالىتى»گە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى

       فىلىپپىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئاز دېگەندە 730 مىڭ ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 240 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ياكى سۇ بېسىپ كەتكەن بولۇپ ھازىرمۇ قۇتقۇزۇش مەركىزى سىرتىدا ياردەم ساقلاۋېتىپتۇ.

      فىلىپپىنغا ھۇجۇم قىلغان تەيفېڭ بورىنى «يەسىمەنگۈل» ھازىرغىچە 17 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئاكىنو 18-دىكابىر دۆلەتنىڭ «ئاپەت ھالىتى»گە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

       بۇ يىلقى 27-قېتىملىق تەيفېڭ بورىنى «يەسىمەنگۈل» 12-ئاينىڭ 14-كۈنى فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا قۇرۇقلۇققا چىققان بولۇپ، 17-دېكابىر تىروپىك بەلۋاغ تۆۋەن بېسىمىغا ئاجىزلاشقان، بۇ جەرياندا فىلىپپىندىكى ئون نەچچە ئۆلكە ئاپەتكە ئۇچرىغان. 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان شەرقتىكى مىندورو، سوسوگون، ئالباي، شىمالدىكى سامار قاتارلىق تۆت ئۆلكە ئارقا-ئارقىدىن ئاپەت ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. فىلىپپىن دۆلەتلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى 18-دېكابىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئاپەت ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەيفېڭ بورىنى «يەسىمەنگۈل» جەمئىي 17 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، 20 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى ۋە ئۈچ ئادەمنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھازىرغا قەدەر ئاپەتكە ئۇچرىغان 19 ئۆلكە-شەھەردە جەمئىي 220 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم پاناھلىنىش ئورنى سىرتىدا قۇتقۇزۇشنى كۈتۈۋېتىپتۇ. ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەرقايسى ئۆلكىلەردە جەمئىي 132 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئاساسىي ئەسلىھە ۋە يېزا ئىگىلىكتىن بولغان زىيان 935 مىليون پىسوغا يەتكەن.

    فىلىپپىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 18-دىكابىر زۇڭتۇڭ ئاكىنونىڭ شۇ كۈنى 1186-نومۇرلۇق زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىغا قول قويۇپ دۆلەتنىڭ رەسمىي ھالدا «ئاپەت ھالىتى»گە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

   ئاكىنو زۇڭتۇڭ بۇيرىقىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە تاۋارلارنىڭ باھاسىنى قاتتىق كونترول قىلىش، ھەرقايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېزدىن لاھىيە تۈزۈپ چىقىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ئاپەت رايونلىرىغا ئەڭ ئاساسلىق بولغان ماددىي ئەشيالار ۋە مۇلازىمەتلەرنى يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.

    ئاكىنو بۇيرۇقىدا يەنە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى ۋە ھەربىي تەرەپنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاپەت رايونىنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.



خەتكۈچلەر:
19-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek